مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 23.03.2015 09:36:31 يوللانغان تارىخ: 23.03.2015 09:36:31 0 6800

ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىگە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم

ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە قانداق كىتابلارنى ئوقۇش، كىتابنى قانداق ئوقۇشنى ئۆگىتىشى لازىم. چۈنكى، ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ تۈرى

ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىگە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم

ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر–دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، زېھنىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
بالىلار تېخى كىچىك، تەجرىبىسىز بولغاچقا، ئۇلار قانداق كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇش، قانداق كىتابنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە قانداق كىتابلارنى ئوقۇش، كىتابنى قانداق ئوقۇشنى ئۆگىتىشى لازىم. چۈنكى، ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلىگەندە، پەرزەنتلىرىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسى، قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇلارنىڭ قانداق كىتابنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقى، قانداق كىتابنى ئوقۇسا پەرزەنتلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم. مېنىڭچە، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم:
1. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە ئالدى بىلەن بالىلار قىزىقىدىغان، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن بولغان كىتابلارنى سېتىۋېلىش بىلەن بىللە، ئائىلىدە كىتاب ئوقۇش شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرىشى، ئاتا – ئانىلار ئىزچىل ھالدا ئائىلىدە پەرزەنتلىرى بىلەن كىتاب ئوقۇپ، ئوقۇغان كىتابنىڭ مەزمۇنىنى پەرزەنتلىرىگە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى لازىم.
2. ئاتا – ئانىلار ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرسە، پەرزەنتلىرى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان كىتابلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كىتاب ئوقۇش شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرىشى، شۇنداقلا پەرزەنتلىرىگە كىتابنى ئاسراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى لازىم.
3 . ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە كىتابنى چۈشىنىپ ئوقۇش، توغرا ئوقۇش، سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، پەرزەنتلىرىدىن ئوقۇغان كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.
4 . ئاتا – ئانىلار تۆۋەن يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە قارىتا كىتابنى ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزىقىشىنى قوزغىتىشى لازىم. چۈنكى، ئاتا – ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ كىتاب ئوقۇسا پەرزەنتلىرىنىڭ كىتابنى توغرا ئوقۇش، ھېسسىياتلىق ئوقۇش، ئوبراز يارىتىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت تەلەپلەر بويىچە كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلىپ، پەرزەنتلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان ھەۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ كىتاب ئوقۇپ بېرىشى لازىم.
5. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېستېتىك زوقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە قىزىقارلىق بولغان ھېكايە – چۆچەك ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئاساس قىلغان ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى، يەنى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم، كەشپىياتچى، يازغۇچى– شائىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسلۇبلىرى، ئۇلارنىڭ نەتىجە قازىنىش جەريانىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىپ يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى لازىم. ئۇندىن باشقا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش ئارقىلىق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ھەق بىلەن ناھەق، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتىش ئىستىكىنى ئويغىتىشى، ئىدىيە – ئەخلاق ۋە ھېسسىيات قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگۈلۈك تەسىرگە ئىگە قىلىپ، توغرا بولغان كىشىلىك دۇنيا قارىشىنى تىكلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشى لازىم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئەتراپلىق ھەر تەرەپلىمە جەھەتلەردىن تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلىشى لازىم.

ئاپتورى نىجات مۇھەممەد

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى