ئۇچۇرلار

يېڭىلانغان تارىخ: 21.11.2015 12:46:28 يوللانغان تارىخ: 13.03.2015 01:51:44 0 8488

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ئىختىيارى مۇخبىر قۇبۇل قىلىدۇ

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى شىۋېتسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقاتنى نىشان قىلغان تەشكىلات.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىدىن تورداشلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

 ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقاتنى نىشان قىلغان ئاساستا، شىۋېتسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقاتنى نىشان قىلىنىپ قۇرۇلغان ئاخبارات ئورگىنى.

 شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا بۇلۇۋاتقان ۋەقە، زۈلۇملارنى دەل ۋاقتىدا خەۋەر شەكلىدە يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۆزىدە بۇلۇۋاتقان ھەر خىل ۋەقەلەرنى دەل ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلدۇق.  يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلات، جامائەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدىنمۇ خەۋەر بېرىپ كەلدۇق.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەھىلىل ۋە مۇلاھىزە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت، ساغلاملىق، ئېكرانلىق سۆھبەت پىروگرامملىرىمىز ئارقىلىق يېڭى مەسىلىلەردە تورداشلارغا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەردە ئورتاقلاشتۇق.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىرىنچى سائەتتە، خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋەقە، ھادىسىلەردىن خەۋەردار قىلىش ۋە باشقا سەھىپىلىرىمىز ئارقىلىق خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق مەزمۇنلاردا ئورتاقلىشىشتۇر.

 ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇلەر بولسۇن، تەشۋىقات مەركىزىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەقسەت، نىشان بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۈگۈنگە كەلدۇق.

شەرقىي تۈركىستان مەركىزى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلاردىن، تور بېتىمىزگە خەۋەر، ماقالە، ئۆزى ۋە باشقىلاردىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىدىن ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشىنى، ھەمدە خالىس شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئالاقە قىلغۇچىلار ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يېشى، جىنسى ،مەدەنىيەت سەۋىيسى چەكلەنمەيدۇ، پەقەت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسى ئېنىق ۋە چىنلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەپسىلاتى بىز بىلەن رەسمىي ئالاقە قىلىغان، پىداكارلىق قىلغۇچى قېرىنداشلار بىلەن ئېلخەت ياكى يۈز تۇرانە تەپسىلى سۆھبەتتە بولىمىز.

ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ئىقتساد يارتىدىغان تەشۋىقات ئورگىنى بولمىغاچقا، تور بېتىمىزگە ئىختىيارى مۇخبىرلىق قىلغۇچىلارغا ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە قەلەم ھەققى بېرەلمەيدۇ.

خالىغۇچىلار تۆۋەندىكى ئالاقىلىشش ئېلخەت ئادرېسى بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.

uyhewer@gmail.com

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ئىدارە ھەيئىتى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى