ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 14.08.2014 10:40:44 يوللانغان تارىخ: 14.08.2014 10:40:44 0 1030

شەرقى تۈركىستان خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان ئۇمۇمى خەۋپ ۋە تەھدىتلەر

شەرقى تۈركىستاننىڭ 1949- يىلى ئىشغال قىلىنىش ئارقىلىق قولدىن كەتكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسا 2000- يىلدىن بىرى ئاساسى شەكىلدە يوقۇلۇشقا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى، تەسلىمچىلىك روھىنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى،

4- ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 9:00 دا  6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىنىڭ دالا پائالىيىتىنىڭ بىرىنجى قېتىملىق ئۇلتۇرۇشىنىڭ ئىككىنجى قىسمىدا، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم شەرقى تۈركىستان خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان ئۇمۇمى خەۋپ ۋە تەھدىتلەر تىمىسىدا ئەتراپلىق سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ 1949- يىلى ئىشغال قىلىنىش ئارقىلىق قولدىن كەتكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسا 2000- يىلدىن بىرى ئاساسى شەكىلدە يوقۇلۇشقا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى، تەسلىمچىلىك روھىنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، پىسخىكىمىزنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ مېلىنى، ئەھلىنى، ۋەتىنىنى، ئىززەت –ئابرۇيى ۋە دىنى – ئىتىقادىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە تۈرلۈك خەۋپ ۋە تەھدىتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئىززەت-ئايرۇيىنىڭ بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئاياغ-ئاستى قىلىنىشقا ئۇچرىۋاتقانلىقى، دىنى – ئىتىقادىمىزنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ خەتەرگە دۇچ كىلىۋاتقانلىقى، 28- ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ يېقىن زاماندىكى ئەمەلى بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، شەرقى تۈركسىتان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق سىياسى بىر ئورگاننىڭ تەشكىللىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، قېرىنداشلار قۇبۇل قىلسۇن  ۋە ياكى قىلمىسۇن سىستىمىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن سىياسى ئاپارات تەسىس قىلىش كېرەكلىكى، بۇ سىياسى ئاپاراتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن ساغلام ئېتىقات ، يۇقىرى سەۋىيەدە تەربىلەنگەن مۇجاھىدلار قوشۇنىغا قاتتىق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ۋە پەلەستىندىكى ھاماس تەشكىلاتى نىڭ جەڭگىۋار مۇجاھىدلار قوشۇنىنىڭ تەسىرىنى مىسال قىلدى. ئەسكىرى كۈچى بولمىغان سىياسى ئورگاننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا تىبەت مەسىلىسىنى مىسال قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىدە تىبەت سىياسى ئورگىنىنىڭ ئەسكىرى كۈچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەي كىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر شەرقى تۈركسىتان مەسىلىسىدىمۇ، شەرقى تۈركىسان سىياسى ئورگىنىنىڭ مۇجاھىدلاردىن تەشكىللەنگەن ئەسكىرى كۈچى بولمىسا، تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش ئەمەلى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، تەشۋىقات ساھەسى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا ئاممىسىغا ئاڭلىتىشتا شەرقى تۈركسىتان تەشۋىقات ساھەسىنىڭمۇ تەشكىللىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەكەن ۋەقەسىدە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بورمىلاپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىنغان ئىككى يېزىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىغا ئوخشاش بۇ ئۇمۇمى قەتلىئامىنى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر تېرورچىلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، 45 نەپەر ساقچىمىزنى ئۆلتۈرۋەتتى دەپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلان قىلغانلىقىنى مىسال قىلدى.

ئۇ يەنە، زىيالىلار بىلەن ئورتاق پىكىرى بىرلىكى ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك ئورنىتىش ۋە دىنى ئىسلام يولىدا دۇنيا ۋە دۇنيا مەنپەئەتىدىن كىچەلەيدىغان سەۋىيەگە يىتىشنىڭ زۈرۈرلىكنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبە: ئىستىقلال خەۋەر تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى