ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 14.08.2014 10:24:14 يوللانغان تارىخ: 14.08.2014 10:24:14 0 20493

قۇندۇز ھامۇت خانىم «ئانا تىلىم »

بۇ ئەسەرنى قۇندۇز ھامۇت خانىم 21- فېۋرال «ئانا تىل» كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنى، قۇندۇز ھامۇت خانىم 22- فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل» كۈنى پائالىيىتىدە ئوقۇپ ئۆتتى.

ھەر- بىر ئىنسان ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، تۇنجى قېتىم ئىڭەلەپ بۇ يۇرۇق ئالەمگە كۆز ئاچقاندا تۇنجى بۇلۇپ ئاڭلايدىغىنىمىز ئانىمىز ياكى ئاتىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا بىزگە تەسەللىي بەرگىنى، شۇ مىنۇتلاردا بىز ئانىمىزنىڭ قارنىدا ھېس قىلمىغان يەنە بىر تۇيغۇنى سېزىمىز. ئۇ بولسىمۇ ئانا تىل مۇھەببىتى، بىز شۇ چاغدىن باشلاپ ھەركۈنى يېقىنلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىققان يېقىملىق، مېغىزدەك تاتلىق سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا ئەللەيلىنىمىز. مەن ياراتقۇچىنىڭ يەنى ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن ھاياتلىققا ۋە ھەمرا قىلغان «ئەڭگۈشتەرىيسىدە ئانا تىل» سوۋغىسىغا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن. تۈمەن مىڭلاپ شۈكرىلەر بولسۇن! بۇ «ئەڭگۈشتەر» نى ياخشى ساقلاپ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە يول قويماسلىق مېنىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىم ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيىتىم. مەن بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا، ئالدىنقىلار ئاچقان يولدا ماڭالمىسام، ياكى قانداق مېڭىشنى ئۆگەنمىسەم، مەن ياراتقۇچىم ئالدىدا ۋە خەلقىم ئالدىدا گۇناھكار بولىمەن. چۈنكى ئانا تىلىم ئىككىنچى ۋەتىنىم، ئۇ مېنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاش ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ ئاتىغۇچىلارنىڭ مەدەنىي ۋە روھىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئاساسىي. ئۇ مۇھەببەت ئۇرۇقى، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئانا تىل ئارقىلىق مۇھەببەت تۆرەلمىسىگە ئېرىشىدۇ، چوڭىيىدۇ، كۆكلەيدۇ ۋە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ئۇرۇق تاشلايدۇ. ئانا تىل خەلقىمنىڭ غۇرۇرى، ئۇزاق تارىخنى ۋاراقلىساق ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ باي- باياشات ياشىشى، ئەركىن- ئازاد، ھۆر ياشىشى ۋە جاھان ئەركىسى بولۇش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆز سەلتەنەتلىرىنى قۇردى. ئۆز ئەقىل پاراسىتىنى نامايان قىلىپ جاھاننىڭ سەركىسى بولدى. ئۇلار ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىپ قانۇن ياساقلىرىنى خاتىرىلىدى. كۆنچىلىك، قەغەزچىلىك، مەتبەئە، تىبابەت ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەرنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۈچلۈكلۈكىنى جاھانغا ئاشكارا قىلدى. ئۆز ئەتراپىدىكى يېزىقى يوق مىللەتلەرگە ۋە قەۋىملەرگە يېزىق ئۆگەتتى. ئۆز تىلىنى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ تىلىنى بېيىتتى. تارىخ چاقى چۆگىلەپ قايسى باسقۇچقا كىرمىسۇن، ھەرخىل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دىن ۋە يېزىقلىرىمىز نەچچە ئۆزگەرمىسۇن، ھەربىر تارىخىي دەۋىردە تىلىمىزنى قوللىنىدىغان، قوغدايدىغان ۋە بىر- بىرىگە مىراس قالدۇرىدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچان، ئەقىل- پاراسەتلىك بىر قەۋىمنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.
 سېرىق دەريا ھاۋزىلىرىدىن سىبىرىيە يايلاقلىرىغىچە، ئاھۇ- سىر دەريا ۋادىلىرىدىن ھىندى- تىبەتكىچە، چوڭ- كىچىك قىدىرخان تاغلىرىدىن كىچىك ئاسىياغىچە سوزۇلغان كەڭ تېرىتورىيىدە ياشىغان خەلقىم ئىچىدىن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋائىي، ئەھمەد يۈكنەكى، فارابى، غازىباي، تاتا تۇڭا، كومراجىۋا، تەجەللى، خىرقتى، لۇتفى، گۇمنام، ئەخمەتجان قارىقاش، موللا موسا سايرامى، موللا بىلال نازىمى، ئابدۇقادىر داموللا، تەۋپىق، ئاكا- ئوكا موسابايلار، مۇھتىلار ۋە شۇلارغا ئوخشاش تۆھپىكارلار ھەر ساھەدىكى نەتىجىلىرى، كەشپىياتلىرى، ئىلمىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئانا تىلىمنىڭ شۆھرىتىنى جاھانغا ئاڭلاتتى ۋە ساقلاپ كەلدى. ئەرەب پارىس تىللىرى قەد كۆتۈرۈپ ئانا تىلىم چەتكە قېقىلغان دەۋرىدە، ئانا تىلىمىزنى ئەرەب تىلىدا شەرھىلەپ مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىقىلماس ئابىدىسىنى تىكلىدى ۋە «ئەرەب تىلى ھەسەلىست- پارىس تىلى شېكەرىست» دېگۈچىلەرگە، «تۈرك تىلى ھۈنەرىست» دەپ خىتاب قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق، ئىپادىلەشكە ئەڭ باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە تىلىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلدى.  
ئانا تىلىم كۆرەش قورالىم، شەرقىي تۈركىستانىم مۇنقەرز بولغاندىن تارتىپ ئاتا- بوۋىلىرىم تىكلىگەن ئابىدىلەر، مۇنارلار يات قەۋملەرنىڭ شامىلى دارىپ ئۇپراشقا، كىچىكلەشكە، يوقىلىشقا باشلىدى. «ئانا تىل خۇددى بىر مەدەنىيەت مۇنارى، ئەگەر ئاسمىلاتسىيە بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى يوقاتسا ئۇ مىللەتنىڭ خەلقىمۇ يوقىلىدۇ»، دەيدۇ ئەركىن سىدىق ئەپەندى. راست دەيدۇ، 1999- يىلى 11- ئايدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ بۆلۈمى 30- قېتىملىق يىغىنىدا، 2000- يىلدىن باشلاپ ھەريلى ھۇد ئېيىنىڭ 21- كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن خەيرىلىك كۈنلەردە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە، مەدەنىيىتىمىزگە سوزغان قارا قولى ئۇزىراپ كەتتى. 2004- يىلدىن باشلاپ «قوش تىللىق مائارىپ» نامى بىلەن ئەمەلىيەتتە يەككە تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈپ، ئانا تىلىمنىڭ نەپسىنى بوغدى. ئانا تىل مائارىپتىن، ئىدارە- ئورگان، ھەربىي- سانائەتتىن سىقىپ چىقىرىلدى. نۇرغۇنلىغان بىلىم ئىگىلىرىمۇ ئانا تىل سەھنىسىدىن ھەيدەلدى. زىندانلارغا ھەتتا ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدى. «گۆدەكلەر ئانا تىلدا تەربىيە ئېلىشى كېرەك» بولغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ پرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ ئىشلار يۈز بەردى. بارلىق ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرىمىز تارتىۋېلىندى ۋە دەپسەندە قىلىندى. «بېسىم قانچە چوڭ بولسا قارشىلىق شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ» دەيدۇ فىزىكىچىلار. مەن بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنمەن ئالدى بىلەن مىللىتىمنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قالىدىغان «ئانا تىل» ىمنى ساقلاپ قېلىشىم، قوغدىشىم ۋە ئاسىرىشىم كېرەك. بۇنى قۇرۇق شوئار توۋلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىشىم كېرەك. چۈنكى ئانا تىل ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى قوغدايدىغان قورالدۇر.
ئانا تىلىم- ئىككىنچى كۆك بايراق. ئانا تىلىمغا تاشلانغان سىرتماق ھەربىر ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە ئۇيغۇر دېگۈچىلەرگە جەڭ سىگنالى. ھەر بىرىمىز ئىدىيە، تىل- ھەرىكەت بىرلىكىدە تۇرۇپ بۇ دەھشەتلىك جەڭگە تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇنداق دەيدۇ: «تىلنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدە، ھەرقانداق بىر مىللىي تىلنىڭ ئېغىزدىن قېلىشى، بولۇپمۇ قىزلار ۋە ئانىلار، يىگىتلەر ۋە ئاتىلار ئاغزىدىن قېلىشى، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە يېزىقچىلىقتىن قېلىشى، ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن ئىبارەت. ھەرقانداق بىر جانلىق شەيئىگە ئوخشاش ھەرىكەتتىن توختاش تىلنىڭ ھالاكىتىنى كۆرسىتىدۇ».
توغرا، ھېچقايسسىمىزنىڭ ئەجدادلار تىكلىگەن ئابىدىلەرنى كۈكۈم- تالقان قىلغۇمىز ۋە خار- زەبۇنلۇقتا ياشىغۇمىز يوق. ئانا تىلىمىزنى ساقلاشتا ۋە قوغداشتا ئابدۇۋېلى ئايۇپتەك جەڭگىۋار، قورقماس ياشلارنىڭ جاسارىتى كۈچىمىزگە- كۈچ قوشسۇن. شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان نامسىز تۆھپىكارلىرىمىزدەك بايان ۋە تەرجىمە قىلىش، خاتىرە يېزىش، تىل- يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تۈزۈش، مائارىپ سىستېمىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ۋە مۇشۇنداق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، ئانا تىلىمىزنى چىرايلىق سۆزلەش، جانلىق تىلىمىزنى بېيىتىش، تىلنىڭ ساپلىقىغا، توغرىلىقىغا ۋە سۈپىتىگە ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە تۆھپە قوشۇش، ئاۋاز قوشۇشلارمۇ تىلنى قوغداش، ئاسىراش ۋە ساقلاپ قېلىش جۈملىسىدىندۇر. بۇ نۇقتىدا «ئانا تىلىم ئىككىنچى كۆك بايراق». «ھەر تىل ئىمپېراتورلۇق تىلى بولالماس، چۈنكى ھەر تىل ئىمپېراتورلۇق قۇرالماس، «نىھات سامى بانارلى».
گەرچە خىتاي يەجۈج- مەجۈجلەردەك ۋەھشىيلەشسىمۇ بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئۆز ھەق- ھوقۇقلىرىمىزنى يۈرگۈزسەكلا ۋەتەن ئاسمىنى ئاسارەتتىن ئاستا- ئاستا قىزتۇلىدۇ، ئانا تىلىم ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي ھوقۇققا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئانا تىلىم- مۇنبەت تۇپرىقىم. «ئانا تىل- ئىككىنچى ۋەتەن» ( يەھۇدىي تىلشۇناس ئېزىز يەھدا ).

ئانا تىلىم «تىيىبچان ئېلىيوف»
ئانا تىلىم،
مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق.
جىلۋىدار تىلىم.
نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك.
زۇلپىقار تىلىم.
مىللىتىمىزنى، خىسلىتىمىزنى، ئىززىتىمىزنى، ساقلاپ كەلگەن تۆھپىكار تىلىم.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى