نىجات ئېلى «ئانا تىلىمىزنى سۆيەيلى» | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 14.08.2014 10:22:34 يوللانغان تارىخ: 14.08.2014 10:22:34 0 24072

نىجات ئېلى «ئانا تىلىمىزنى سۆيەيلى»

بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە دىن، تىل، ئۆرپ- ئادەت ۋە مىللىي كىملىكىمىز ھەسسىلەپ خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. مەيلى ئامېرىكا ياكى ياۋروپا بولمىسۇن، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا،

تارىختا بىزگە ئوخشاش كۆپ دىنغا چوقۇنغان، كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت ئاز ئۇچىرايدۇ. بىزدە ھەقىقەتەن «ئىسلاھات» روھى كۈچلۈك. ھەرقانداق زاماندا، ھەرقانداق ماكاندا، ھەرخىل ئىسلاھاتقا ئاسانلا كۆنىمىز. بۇ خىل «كۆنۈش» بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، خاسلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرەپ ھەققىدە سۆزلەشكە تىلىمىز قىسىلىدۇ.

   بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە دىن، تىل، ئۆرپ- ئادەت ۋە مىللىي كىملىكىمىز ھەسسىلەپ خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. مەيلى ئامېرىكا ياكى ياۋروپا بولمىسۇن، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا، مەيلى مەركىزى ئاسىيا ياكى شەرقىي تۈركىستان بولمىسۇن ھەر يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تىل- مائارىپ جەھەتتە يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي يوقىتىش يېقىنقى 10 يىلدا ھەسسىلەپ ئاشتى. 1951- يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر يېزىقىدا 6 قېتىم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يېزىق ئىسلاھاتىدىكى تىنچسىزلىق تەرەققىياتتىن كۆرە چېكىنىش، ساۋاتسىزلىقنى يوقۇتۇشتىن كۆرە، ساۋاتسىزلىقنى ئاشۇرۇش بولدى. ھەرخىل سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن كۆپلىگەن ياشلار ساۋاتسىز قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھازىرقى ياشلار، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ھازىرقى ياشلار مەكتەب يۈزى كۆرۈۋاتىدۇ. ساۋاتسىزلىق ئازلىدى دېيىلسىمۇ، ئەمما 2004- يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمى ۋە بۇ قىلتاقنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان پاجىئە ئاشكارلانماي قالمىدى.

  بىر تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىرقانچە شەرتى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى بولسا، بۇ تىللارنىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراب قىلىنىشىغا ئېرىشەلىشى، قانۇن تۇرغۇزۇپ قوغدىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە ماددىي مەبلەغ سېلىپ قوللاپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا تىل توغرىسىدا بايان ۋە تەرجىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، خاتىرلەش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتى يۈرۈشتۈرۈلۈشى، لۇغەت تۈزۈش، تىل- يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە مەشىق ماتېرىياللىرى تۈزۈش ۋە تارقىتىش، كۈتۈپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرلۇشى چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك. مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئاخبارات، ئىنتىرنېت بوشلۇقى قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى ۋە قوغداش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  ھازىر ئانا تىلىمىز ئەڭ ئاساسىي ھەق- ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدى. شۇڭا مەبلەغ سېلىش ۋە كۈتۈپخانا- قىرائەتخانىلارنى كۆپەيتىشتىن سۆز ئېچىش تەس ھەم مۇشەققەت جەريان. بۇنىڭ بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇش كېرەكمۇ؟ چىڭغىز ئايتماتوف «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن. دېمەك سۈكۈتتە تۇرساق بىز قاراپ تۇرۇپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولمامدۇق؟! شۇڭا كىچىك بولسىمۇ، ئاز بولسىمۇ ئىشنى باشلىشىمىز كېرەك، ۋەتەندە بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولسۇن ئانا تىلىمىزنى قوغداش يولىدا ئاز تولا نەتىجىلەر كۆرۈلدى. ئويغانغان ۋە ئويغۇنۇۋاتقان ياشلاردا مىللىتىمىزنىڭ، ئانا تىلىمىزنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى يىتەكلەش ئاساسىي دەسلەپكى قەدەمدە سېلىندى. ئىلھام توختى، ئابدۇۋېلى ئايۇپتەك ياشلار ئەمەلىي كۆرەش قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ يوللۇق ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان، ئۆزلىرى تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولغان بولسىمۇ، ھەربىر ئىشنىڭ بىر خەيرىلىك تەرىپى بار. نۇرغۇن ياشلىرىمىز چۆچۈدى، ئالىم ئەھەد قاتارلىق ياشلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى windows)) مۇھىتىدا تۇنۇتۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىقىمىزنى ئىنتىرنېتتا ئىشلىتىلىشىنى قولايلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە windows 8)) سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە يوق بولۇشتەك كەمچىللىككە خاتىمە بېرىلدى.

  مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە قارىغاندا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، شۇنداقلا «ئانا تىلنى ئۇنتۇش» تىن ئىبارەت جىنايەتكە ھەم يېقىن تۇرغۇچىلاردۇر. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە «تۇرغۇنجان ئائىلىسى ۋە ئىككى ئوغلى» زىيارەت قىلىنغان، مەن بۇ ىەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ سۈيۈندۈم. ئۇلار قانداق قىلىپ چەتئەل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بالىلىرىنى ئانا تىل مۇھىتىغا باشلاپ كىردى ۋە بەلگىلىك نەتىجە قازاندى؟ بۇنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئاددى. ئۇ بولسىمۇ ئانا تىلغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاش، سۆيۈش ۋە بۇ سۆيگۈنى ئەمەلىي ھەركىتىدە ئىپادىلەشتۇر.

  بىز ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆز باللىرىنى تەربىيلەش تەجرىبىلىرىنى كۆردۇق ھەم ئاڭلىدۇق. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان ئائىلىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى يۈرىكىدە ساقلىدى ۋە ئۆز بالىلىرىغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە دەسلەپكى قەدەمدە غەلبە قىلدى. باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تىلنى ئاغزىدىلا سۆيمەي چىن يۈرىكىدىن سۆيۈشنى، بالىلارنىڭلا ئەمەس ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم ياخشى ئۈلگە تىكلىشىگە تىلەكداشمەن. ئبادۇرېھىم ئۆتكۈر «ئانا تىلىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ، باشقا تىل بولسا تېلىسكوپقا ئوخشايدۇ، تېلىسكوپ قانچە ئىلغار بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ كۆزى كۆرمىسە ئالدىڭدىكى نەرسىنىمۇ كۆرەلمەيسەن» دەپ توغرا ئېيتقان. چۈنكى ھەرقانداق تەپەككۇر ئالدى بىلەن ئانا تىلدا يۈرگۈزىلىدۇ. ئانا تىلدا پۇىتا بولمىغانلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تىلنى ئۆگىنىشتە ئوخشاشلا قىينىلىدۇ. باشقا تىللاردا ھەرقانچە ئۇستا بولغىنى بىلەن نەتىجە قازىنالىشى ناتايىن. ھازىرغا قەدەر قازانغان دوكتۇرلارنىڭ %98 ئانا تىلدا ئوقۇغانلار. بۇنىڭ مىسالى نۇرغۇن، بىر- بىرلەپ ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

   ھازىر دۇنيادا 7000 خىلدىن ئارتۇق تىل بار بولۇپ، بۇنىڭ %96 نى ئىشلىتىۋاتقانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4 نى تەشكىل قىلىنىدىكەن. ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر تىل ئىشلىتىشى كۈچىدىن قېلىۋېتىپتۇ. %95 مانجۇ مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن ۋە ئوقۇيالمايدىكەن. %30 مۇڭغۇل مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، %70 تى مۇڭغۇلچە ئوقۇيالمايدىكەن. %10 ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، %20 تى راۋان ئالاقە قىلالمايدىكەن، %30 راۋان ئوقۇيالمايدىكەن. %25 تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، %70 تى راۋان ئوقۇيالمايدىكەن. جۇاڭزۇلارنىڭ %65 تى جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، %80 تى ئوقۇيالمايدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

   مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا ۋە ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە كارغا كېلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلىمىزنى باللىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن كۆيۈنۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆگىتەيلى. ئانا تىلنى قانداق سۆيۈشنى بىلەيلى.

   ئانا تىلنى سۆيۈشتە ئالدى بىلەن تىل پوزتسىيەمىزنى توغرىلاش، ئىشنى توغرا يېزىش ۋە توغرا، چىرايلىق سۆزلەشتىن باشلاش، ئانا تىل مەۋجۇتلۇقىنى مىللىي مەۋجۇتلۇق، مىللىي كىملىك بىلەن مەھكەم باغلاش، ئانا تىلنىڭ قىممىتى ھەم ھىممىتىنى چۈشىنىش ۋە ئانا تىل ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىش، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ۋە ئاكتىپ ئىشتىراكچى بولۇش، ئاندىن قۇرۇق شۇئار توۋلاشتىن ساقلىنىپ ئانا تىل قانونىيەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشىش لازىم.

  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكىلەرگە قارىغاندا توردىن ئازادە پايدىلىنالايدۇ. شۇڭا فېيسبۇك، تۋىتتېر، ۋېچات قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مۇلاھىزە- مۇنازىرلەرنى يۈرگۈزۈپ خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەش، «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»، «ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى» گە ئوخشاش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت دەرس، لېكسىيە، يىغىلىش، ئېكىسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈش كېرەك. ھەركىم ئۆزى قىلالايدىغان ساھەدە ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن ئاز- تولا بولسىمۇ كۈچ چىقارسا. تاما- تاما كۆل بولار دېگەندەك، كۆپنىڭ كۈچى بىرلەشسە ئانا تىل ئۈچۈن تەر تۆككەنلەرنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ. بۇ مەنپىئەتتىن كەڭ خەلقىمىز مەنپىئەت ئالىدۇ. ھازىر ستوكھولمدىكى بەزى كۈتۈپخانىلاردىن ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئارىيەت ئالغىلى ۋە زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن، بۇ ناھايتى خوشاللىنارلىق ئىش. ھەممىمىز بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ كەلتۈرۈلىشىنى قولغا كەلتۈرسەك، ئۆزىمىز ۋە باللىرىمىزنى تەربىيەلەشكە قولايلىق تۇغۇلسا دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردە بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقارغانلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە سۆزۈمنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. «تىل ئەقىل- پاراسەتكە تىلماچتۇر، بۇ راۋان تىلنى كىشى قەلبىنى يورۇتقۇچى دەپ بىل».

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش