خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قۇرالىنى ئېلىپ قاچقان ئۇيغۇر ئەزىمەت | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.03.2015 08:56:34 يوللانغان تارىخ: 05.03.2015 08:56:34 0 2112

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قۇرالىنى ئېلىپ قاچقان ئۇيغۇر ئەزىمەت

ئۇقتۇرۇشتا ئېلى مەتتۇرسۇننى خىروئىن ئەتكەسچىسى دەپ ئېلان قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى ئېلى مەتتۇرسۇن، ئەسلىدە خىروئىن ئەتكەسچىسى ئەمەس

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قۇرالىنى ئېلىپ قاچقان ئۇيغۇر ئەزىمەت

 

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى خىروئىن ئەتكەسچىلىرى دەپ تۆھمەت چاپلاپ ئېلان قىلغان سىياسى پىدئىي ئېلى مەتتۇرسۇن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورالىنى ئوقى بىلەن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە: يالغانچى خىتاي ھاكىمىيىتى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورالىنى ئوقى بىلەن ئېلىپ قاچقان ئېلى مەتتۇرسۇن ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئېلى مەتتۇرسۇننى خىروئىن ئەتكەسچىسى دەپ ئېلان قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى ئېلى مەتتۇرسۇن، ئەسلىدە خىروئىن ئەتكەسچىسى ئەمەس بەلكى توغرا نىيەتلىك بىر كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن ئىسىملىك خوتەن كېرىيەلىك بىر خىروئېن ئەتكەسچىسى، 1-مارت كۈنى ئۇنى چىڭخەيدىكى بىر مېھمانخانىدا خوتەنگە ئېلىپ ماڭغان ساقچىلارنىڭ قولىدىكى ئىككى ناگاننى ئوقلىرى بىلەن ئوغرىلاپ قېچىپ كەتكەن.

يەنە ساقچى توربېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن قېچىپ 15 سائەتتىن كېيىن تۇتۇلغان؛ ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ئۇزۇن ئۆتمەي توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئىككى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئېلى مەتتۇرسۇننىڭ مەھەللە كۈيلىرى بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن، ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەندەك، خىروئېن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەمەس، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان. ئۇ بۇرۇن بىر مەھەل يامان يوللاردا ماڭغان بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزگەرگەن ۋە شاڭخەيدە ئاشخانا ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەن؛ ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن، كېرىيەنىڭ جاي يېزا قاتتىكۈن كەنتىدىكى ئىقلىمخان ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى ۋە بىر دىنىي زاتنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى بولۇپ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە چىققان. بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئېلى مەتتۇرسۇن، بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇن، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ بىر مەھەل يۇرت سوراپ يۈرگەن، ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە، ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان، ئۇ شاڭخەيدە ئاشخانا ئېچىپ ئىقتىساد جەھەتتىن روناق تاپقان، شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتى كېرىيەدە بىر قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغان. ئۇنىڭ مەھەللە كويىدىكى بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا كېرىيەنىڭ شەنبە بازار يېزىسىدىكى جەزخورلارنىڭ يىغىپ يامان يولدىن توسقان ۋە ئۇلاردىن پۇل يىغىپ، بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسى تەسىس قىلغان. ئۇ بۇ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بولۇپمۇ ئۇ، يېقىندا بىر مەسچىتكە ۋە تالىپ بالىلارغا پۇل ياردەم قىلغىنى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان. كېرىيە ناھىيىسىدە ئوچۇق مەيدان سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن، كېرىيە قاماقخانىسىدىن نامەلۇم يوللار بىلەن قېچىپ كەتكەن، ساقچىلار ئۇنى ئىز قوغلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇتۇپ قايتىۋاتقىنىدا، مەزكۇر قورال ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش