بەختىنسا ئابدۇرېھىم، «ئانا تىل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانى» دۇر | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 14.08.2014 10:11:44 يوللانغان تارىخ: 14.08.2014 10:11:44 0 23423

بەختىنسا ئابدۇرېھىم، «ئانا تىل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانى» دۇر

بۇ ئەسەرنى مەرھۇم كۆرەش كۆسەننىڭ ئايالى بەختىنسا ئابدۇرېھىم 21- فېۋرال «ئانا تىل» كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنى، بەختىنسا خانىم 22- فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل» كۈنى پائالىيىتىدە ئوقۇپ ئۆتتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ «ئانا تىل» كۈنىگە قۇتلۇق بولغاي!!!

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنى ياراتقاندا، ئىنسانلىق- ئۇيغۇرلۇق بەلگىمىز ۋە بۇرچىمىز، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياراتقان ئىكەن، ئۇيغۇرلۇق روھى- قەدىردان ئانىلىرىمىزنىڭ ئوغۇز سۈتلىرى بىلەن بىرگە، مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىلىرى ۋە قوشاقلىرى بىلەن ۋۇجۇدلىرىمىزگە سىڭگەن ئىكەن.

دېمەك ئىنسانلىقىمىزنىڭ تۇنجى دەقىقىسىدىن باشلاپ تاكى ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە بىزلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز، ئادىمىيلىكىمىزنىڭ ئۆچمەس مۆھۈر تامغىسى، ئالاقە نىشان ۋاستىسى، ئەنە شۇ «ئانا تىل» دۇر.

«ئانا تىل» ئانىمىزنىڭ تەۋەررۈك تىلىدۇر، تىل دىلنىڭ نامايەندىسىدۇر، ئەقىلنىڭ ئەلچىسىدۇر، قەلبنىڭ دۇرىدانىسىدۇر، ئەجدادلىرىمىزدىن ئەۋلادلىرىمىزغا يادىكار مىراس تەڭداشسىز گۈھەردۇر.

ئانا تىلىمىز «ئۇيغۇر تىلى» دۇر، ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى تىللارنى رەتكە تىزىغاندا، گەرچە 60- ئورۇندا بولسىمۇ، لېكىن يەر شارىدىكى نەچچە ئونلاپ دۆلەتلەرگە يۇلتۇزلاردەك تارالغان ۋە تەكلىماكان، تارىم بويلىرىدا ھاياتلىق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جاسارەت، چىدامچانلىق كۆرسىتىۋاتقان 20 نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىكى بىباھا ئەڭگۈشتەردۇر. 20 نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك ساداسىدۇر. 20 نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانىدۇر!

مىللەتنىڭ مىللەت بۇلۇپ تۇرالىشىدىكى مۇھىم تۆۋرۈكتۇر. ئەجداتنىڭ تەۋەررۈك يۈرىكى، ئەۋلادنىڭ كەلگۈسى كۆۋرۈكى، ئەقىلنىڭ كۆزنىكى ۋە گۈزەللىكىدۇر، ئىمانىمىزنىڭ جارجىسىدۇر، بارلىقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ئالاقە ۋاسىتىسىدۇر.

ئانا تىلىمىز- ئالەمشۇمۇل تارىخى تۆھپىلىرى بىلەن، بىرقانچە ئەسىرلەردىن بۇيان، تىللاردا داستان بۇلۇپ كەلگەن، مەشھۇر ئالىملىرىمىزدىن، «مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋائىي كەبى» بۈيۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىخار تۇيغۇسى ۋە غۇرۇر نامايەندىسىدۇر.

ئەجىبا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرى، ئىزچىللىرى بولغان بىزلەر نېمە قىلىشىمىز ۋە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ بۇ ھەر- بىر ئۇيغۇر ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرىدىغان بىر سوئال. جاۋاب ئىزدەيدىغان، مەسئۇل بولىدىغان بىر سوئال.

ئىنشائاللاھ ھەر- بىر ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيمىز، توغرا قوللىنىمىز، قوغدايمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.

ئانا تىلدا سۆزلەش، يېزىش، ئوقۇش، ئانا تىلنى ئۆگىنىش- ئۆگىتىش، تەتقىق قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش، باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز. ۋەتەن ئىچىدە ئاڭلاۋاتقىنىمىزدەك «ئانا تىل» ئوقۇ- ئوقۇتۇش تەرەققىياتىغا چەكلىمە نۇرغۇن. خۇددى بى شېئىردا ئېيتىلغاندەكلا.

جاھان تۇتسا نادانلار، تۆرگە چىقار ساراڭلار.

كاۋا پەسكە ساڭگىلاپ، ئېگىز ئۆسەر باراڭلار.

سۇ توشىغان خار بولۇر، كوزا چاققان ئەتىۋار.

ھەقىقەتنىڭ بېلىنى، ئېگەر غەيۋەت پاراڭلار.

ئەھۋال ئەنە شۇنداق ئىكەن ۋەتەندە، ئۇنداقتا ۋەتەن سىرتىدىچۇ؟ خوش، مۇھاجىرەت- مۇساپىرچىلىقنىڭ نەقەدەر قاتتىقلىقىنى، قىيىنلىقىنى ھەممىمىز ئۇبدان بىلىۋاتىمىز. قەدەمدە بىر ئاچچىق يۇتۇۋاتىمىز. بىلىۋاتقىنىمىزدەك ئىمكانلار چەكلىك.

ئۆز ئانا تىلىمىز جانغا يېقىن ھەسەلدەك شېرىن. ئەمما ئۆزگە ئەلدە ياشاپ تۇرۇپ شۇ يەرلىك مىللەتلەر، دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىشكىمۇ ھەم ئېھتىياجىمىز بار. ھەر- بىر ئۇيغۇر قېرىنداش چىن يۈرەكتىن جاسارەتلىنىپ ئىزدەنسەك، ئىمكانسىزلىقنىن مۇمكىنچىلىك يوللىرىنى تاپقىلى، تاقاق ئىشىكلەرنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلالايمىز دېگەندە، خوش، ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى. ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشنى ئادەت قىلايلى. بالىلىرىمىزغا ئانا تىلنى پەرز بىلىپ ئۆگىتەيلى. بالىلارنى تەبىئەت بىلەن، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرايلى. كۆپچىلىك بىر نىيەتتە تىرىشساق، «ئۇيغۇر تىلى يەسلىسى، باشلانغۇچ ئانا تىل تەربىيە مەركىزى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى»…. قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي قىممىتى ئىنتايىن زور بولىدۇ ئەلۋەتتە. يەنە بىر تەكلىپ: «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات تەرەققىيات فوند» قۇرۇش. مەبلەغ ھەل قىلالىساق، بىر گۇرۇپپا قېرىنداشلىرىمىز بىرلىشىپ ئىشلىسەك، ھەر يىلىغا بىر نەچچىدىن ئۇيغۇرچە كىتاب ژۇرناللارنى نەشىر قىلدۇرالىشىمىز مۇمكىن. ئۇيغۇرچە يىلنامە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرساق. ئۇيغۇر بالىلار ۋە ياشلار ئۈچۈن «ئانا تىل، مەدەنىيەت كۈنى ياكى ھەپتىلىكى تېمىسىدىكى» مەخسۇس پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرساق. شۇ ئارقىلىق بالىلارنى كۆپرەك ئۇچۇرۇشۇش، بىلىم ئېلىش ۋە ئۆز- ئارا تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالىشىمىز مۇمكىن. مۇھىم ئەھمىيەتلىك كۈنلەردىكى پائالىيەتلەر، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا يازما ۋە رەسىملىك پاكىتلار بىلەن كۆپچىلىككە بىلدۈرۈلسە. ھەر- بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ تامغىسى بولسا ئىزى ئۆچمەستۇر.

مۇساپىرچىلىق ھاياتتا ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى، بولۇپمۇ دەسلەپكى يىللاردا تىل قىيىنچىلىقىدۇر. گويا ئۆزىمىزنى بەكمۇ يىگانە غېرىپ سېزىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىزنى چۈشىنىدىغان ئادەملەر ئەتراپىمىزدا كەمچىل. ئۆزىمىزنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدا ئالاقە قۇۋۋىتىمىز يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا تىلنىڭ قەدرى بەكمۇ ئۆتۈكلۈك، ئېھتىمال كۈرمىڭ قېتىملاپ ھەي ئىسىت!!! ئۆز ۋەتىنىمىز بولسىچۇ كاشكى، ئۆز قەۋمىمىز ئارىسىدا ئانا تىلدا راھەت سۆزلىشىپ، مۇڭدىشىپ، مۇلاھىزە قىلىپ بۇ ھاياتنى كەچۈرەر ئىدۇق دېگەنلىرىمىز جىق.

ئەمما ئىزدەنسەك، تىرىشساق باشقا تىللارنىمۇ ئۇبدان ئۆگىنىپ كەتكىلى، ھەتتا باشقىلارغا ئۆگەتكۈدەك سەۋىيىگە يەتكىلى بولىدۇ. باشقا تىلنى بىلىش شەرەپلىكتۇر. ئەمما، ئانا تىلنى بىلمەسلىك ۋىجدانغا خىيانەتتۇر. «ئانا تىل» ھەممەيلەنگە ئامانەتتۇر!!!

ئاخىرىدا بۇ ئاددى شېئىرنى ھەدىيە قىلاي.

ئانا تىلىم

ئانا تىلىم، تىلى ئانامنىڭ،

ئانا مىسال ۋەتەن ئەمەسمۇ؟

تىل، ئۇ، شاھى، ئەشۇ ۋەتەننىڭ،

شاھسىز ۋەتەن دەرتمەن ئەمەسمۇ؟

ئانا تىلىم، تىلى ئانامنىڭ،

مەھمۇت بوۋام ۋارىس ئەمەسمۇ؟

جاھان خەلقىگە يايغان جاۋاھىر،

ئۇنتۇپ قېلىش نۇمۇس ئەمەسمۇ؟

ئانا تىلىم، تىلى ئانامنىڭ،

خاس ھاجىپقا دۇردان ئەمەسمۇ؟

داستان پۈتكەن ھەر ئۈنچىسىدە،

قەلبىم تۆرىدە سۇلتان ئەمەسمۇ؟

ئانا تىلىم، تىلى ئانامنىڭ،

ھەرىپلەردە بوستان ئەمەسمۇ؟

كۆكتە چاقنىغان ئاي ۋە چولپاندەك،

مىليون ئۇيغۇرغا ۋىجدان ئەمەسمۇ؟

ئاپتور: بەختىنىسا ئابدۇرېھىم

2014- يىلى 21- فېۋرال، « ئېسكلستۇنا»

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش