ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 01.03.2015 10:40:09 يوللانغان تارىخ: 01.03.2015 10:40:09 0 15688

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، ئىلغار مېدىئا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ، بالىلارنىڭ خاراكتېرىغا ماس ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش ھەمدە ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھىتتا بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلدا مۇكەممەل

‏‏شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

‏شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھەرخىل يوللار بىلەن شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانىمۇ يىلدىن يىلىغا كۆپەيمەكتە. پەرزەنتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ دىن ۋە ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىش، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ۋەتىنىنى پەرزەنتلەرگە بىلدۈرۈش، پەرزەنتلەرنى ئۆز-ئارا بىر- بىرى بىلەن ئۇچۇراشتۇرۇش ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، 2007- يىلى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامىدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ تەلىم تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 2009- يىلىغا كەلگەندە، مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، « ياشلار ئانا تىل جەمئىيىتى» نامىدا شىۋېتسىيە دۆلىتىنىڭ رەسمىي تەستىقىدىن ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەلىم- تەربىيە جەمئىيەتلەر تىزىملىكى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىر بۇ مەكتەپتە 20 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئوقۇيدىكەن.
‏ئىگەللىشىمىزچە، مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ دەرس ئۆتۈلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، ئىلغار مېدىئا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ، بالىلارنىڭ خاراكتېرىغا ماس ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش ھەمدە ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھىتتا بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلدا مۇكەممەل سەۋىيىگە يىتىپ، ئۆز تىلى ۋە كىملىكىنى قوغداش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەشنى نىشان قىلغان ئىكەن.
‏مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، بالىلارغا ئاساسلىق قىلىپ ئانا تىل ۋە دىنى ساۋادى، ئىسلام ئاساسلىرى، ئىسلام ئەخلاقى، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق پەنلەردىن دەرسلەر ئۆتۈلىدىكەن.

‏‏شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئائىلىدە ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىش، ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش، ئۇيغۇرچە كارتونلارنى كۆرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش مەركەزلىرىگە ئاپىرىپ بېرىپ سېستىمىلىق ھالدا تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: پىداكار

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى