خىتاي دائىرلىرى تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى مەكتەپكە يىغىۋېلىش ئارقىلىق دىنسىزلاشتۇرماقتا | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 14.08.2014 07:44:43 يوللانغان تارىخ: 14.08.2014 06:51:45 0 19018

خىتاي دائىرلىرى تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى مەكتەپكە يىغىۋېلىش ئارقىلىق دىنسىزلاشتۇرماقتا

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى بولسا بۇ خىلدىكى پۇرسەتلەردىن تامامەن مەھرۇم قالماقتا.

خىتاي دائىرلىرى تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى مەكتەپكە يىغىۋېلىش ئارقىلىق دىنسىزلاشتۇرماقتا

مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ يىلدا ئىككى قېتىم تەتىل پۇرسىتى بولۇپ، بۇ ئىككى قېتىملىق تەتىلدە بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى كۆپرەك بىرگە بولۇش، دوستلىرى بىلەن ئويناش، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ چارچاشلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يىلدا مەلۇم ۋاقىتقا مۇھتاج بولىدۇ، ئەمما ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى بولسا بۇ خىلدىكى پۇرسەتلەردىن تامامەن مەھرۇم قالماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە بۇ يىل يازلىق تەتىلدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بالىلارنى تەتىل مەزگىلىدە ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپكە بېرىپ ئۆزىنى يوقلىمىدىن ئۆتكۈزىدىكەن، ھەمدە ئىككى- ئۈچ سائەت ئەتراپىدا دەرس ئوقۇپ كېلەر ھەپتىلىك تاپشۇرۇقلىرىنى ئېلىپ قايتىدىكەن. تەتىل مەزگىلىدە بالىلار خاتىرجەم تەتىل قىلالماي دەرس ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

بۇ توغرىسىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇننىڭ قارىشىنى ئالدۇق.

نىجات تۇرغۇن ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلدە ئارامىدا قويماي يىغىۋېلىشى، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان رەزىل پىلانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئەمگەك كۈچىگە توشمىغان ئۆسمۈرلەرنى تەتىل مەزگىلىدە ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىۋېلىپ ھەپتىلىك تاپشۇرۇق بېرىش ئارقىلىق بالىلارنى تەتىلدە ئارامىدا قويماي دەرس ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىشى، بالىلارنى تەتىلدىن پايدىلىنىپ دىندا ئوقۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بالىلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان سىستېمىسى دېدى.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش