مۇھىت ۋە ساغلاملىق

يېڭىلانغان تارىخ: 01.02.2015 03:07:52 يوللانغان تارىخ: 01.02.2015 03:07:52 0 6309

قورساقنى كىچىكلىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

يېقىندا، ئامېرىكا MSN تور پونكىتىدا ئاتاقلىق ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىرى ئالىمى لوبېنېن. زېكاننىڭ قورساقنى كىچىكلىتىش توغرىسىدا يەتتە خىل تەكلىپى ئېلان قىلىنغان. بۇ تەكلىپلەرنىڭ سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشكە پايدىسى بارمۇ، يوقمۇ؟ سىناپ بېقىڭ.

قورساقنى كىچىكلىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

 

يېقىندا، ئامېرىكا MSN تور پونكىتىدا ئاتاقلىق ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىرى ئالىمى لوبېنېن. زېكاننىڭ قورساقنى كىچىكلىتىش توغرىسىدا يەتتە خىل تەكلىپى ئېلان قىلىنغان. بۇ تەكلىپلەرنىڭ سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشكە پايدىسى بارمۇ، يوقمۇ؟ سىناپ بېقىڭ.

تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ.

 تۇزلۇق يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى ئېچىپ، قورساق بوشلۇقىدا ياغلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر تائاملارنى تۇزسىزراق ھېس قىلسىڭىز ئاچچىقسۇ ياكى تېتىتقۇلار بىلەن تەمىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

ئامالنىڭ بارىچە ئۆيگە قايتىپ تاماق يەڭ.

سىرتتا تاماق يېگەندە، ئەخلەت يېمەكلىكلەر، يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر جەزمەن سىرتتا تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە، تاماقتىن كېيىن ئۆيگە پىيادە قايتىڭ

ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىڭ.

نۇرغۇن كىشى قورساق ئاچقاندەك سېزىم پەيدا بولغاندا، بىر نەرسە يېمەيدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، تېخىمۇ يۇقىرى كالورىيىلىك يېمەكلىكلەرگە كۆڭۈل تارتىدۇ. شۇڭا قورساق ئاچقاندەك سېزىم بولسا، مېۋە، قېتىق قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ.

كەچلىك تاماقنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ. فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئاشقازان تارىيىدىكەن، كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېگەندە، ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماي قورساق چىقىپ كېتىدۇ.

ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ.

كەچلىك تاماقتا گۆش، ئىرىمچىك، تۇخۇم سېرىقى تۈرىدىكى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىسىز

يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىڭ.

 كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنغاندا، تالالارنىڭ غىدىقلىشى تۈپەيلىدىن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئارامسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تاماق يىگەندە چاينى ئاز ئىچىڭ.

چاينى ئاز ئىچكەندە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولىدۇ، چاينى كۆپ ئىچكەندە، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

 

مەنبە:ئۇيغۇرچە تور بەتتىن ئېلىندى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى