دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 22.01.2015 00:20:26 يوللانغان تارىخ: 22.01.2015 00:20:26 0 4427

بىر دوللارغا سېتىۋېلىشقا خېرىدار چىقمىغان چېركاۋ

135 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كونا چېركاۋنى سېتىش ئۈچۈن يۈز يىل بۇرۇن بىر كانادا دوللىرى (تەخمىنەن 5.19 يۈەن خىتاي پۇلىغا تەڭ) سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ ئادەم سوراپ باقمىغان

بىر دوللارغا سېتىۋېلىشقا خېرىدار چىقمىغان چېركاۋ

كانادادىكى يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بىر چېركاۋ، كانادا پۇلىدا بىر دوللارغا سېتىلىش ئۈچۈن ئېلان چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىر يىلدىن بېرى ئۇ چېركاۋنى سېتىۋالىدىغان ئادەم چىقمىغان.

ياخۇ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەخمىنەن بۇندىن 135 يىل ئىلگىرى سېلىنغان بىر تارىخى كونا چېركاۋنى ساتماقچى بولۇپ بىر يىل ئىلگىرى بىر كانادا دوللىرىغا باھا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا كەلگىچە بىرەر ئادەمنىڭ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن سورىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: كانادانىڭ يېڭى بىرۇنسۋىك ئۆلكىسى ساكۋىللې شەھىرىدىكى 135 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كونا چېركاۋنى سېتىش ئۈچۈن يۈز يىل بۇرۇن بىر كانادا دوللىرى (تەخمىنەن 5.19 يۈەن خىتاي پۇلىغا تەڭ) سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ ئادەم سوراپ باقمىغان ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: كىمىكى بۇ چېركاۋنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى تەرەپ چوقۇم بۇ چېركاۋنى ھازىرقى ئورنىدىن كۆچۈرۈپ كېتىپ چېركاۋنىڭ ئورنىنى بىكارلاپ بېرىش شەرتىنى قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ كونا چېركاۋنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ چېركاۋ، ئەسلىدە ساكۋىللې شەھەرلىك بىرلەشمە دىنىي جەمئىيەتكە تەۋە بولۇپ، ساكۋىللې شەھەرلىك بىرلەشمە دىنىي جەمئىيەت بۇ چېركاۋنىڭ رېمونت قىلىش ھەققىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن، ئۆتكەن يىلى بۇ چېركاۋنى لەففورد ئۆي-مۈلۈك شىركىتى (Lafford) گە سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن. لەففور ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بۇ چېركاۋنى سېتىۋالغاندىن كېيىن چېركاۋنىڭ ئورنىنى باشقا ئىشقا ئىشلەتمەكچى بولغان. ھەمدە بۇ چېركاۋنى باشقىلارغا ئورنىدىن يۆتكەپ ئېلىپ كېتىش شەرتى بىلەن بىر كانادا دوللىرىغا باھا چىقارغان ئىكەن.

خەۋەردىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، بۇ 135 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ كونا چېركاۋنى سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ چېركاۋنى باشقا يەرگە يۆتكەپ كېتىشنى شەرت قىلىپ بىر كانادا دوللىرىغا سېتىشقا باھا چىقىرىشى، ئۆي- مۈلۈك شىركىتىنىڭ بۇ كونا قەدىمقى چېركاۋنى بۇزۇۋېتىشكە كۆزى قىيمىغانلىقى، قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىدا ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، ئەمما تاجاۋۇزچى ئاچكۆز خىتاي ھاكىمىيىتى، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى بۇزۇپ ۋەيرانە قىلىش، يوق قىلىش ئادىتى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمكى بىنالار ۋە يادىكارلىقلارنى بۇزۇپ يوق قىلماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى، باشقىلارنىڭ قەدىمى يادىكارلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، شەخسىيەتچىلىك، ئەخلاقسىزلىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئاقسۇ قىزى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى