پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 13.01.2015 04:29:43 يوللانغان تارىخ: 13.01.2015 04:21:43 0 4762

خىتاي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىغان 50 تور بېكەت، ئۈندىدار سۇپىسىنى تاقىۋەتتى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قېتىم جەمئىي 50 تور بېكەت، قانال (سەھىپە) ۋە ئۈندىدار جامائەت نومۇرلىرى قانۇن بويىچە تاقالغان بولۇپ، بۇ 24 تور بېكەت، توققۇز تور بېكەت قانىلى (سەھىپىسى) نى ۋە 17 ئۈندىدار جامائەت

خىتاي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىغان 50 تور بېكەت، ئۈندىدار سۇپىسىنى تاقىۋەتتى

 تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئالاھىدە كونترول ئاستىغا خىتاي ھاكىمىيىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە ماسلاشمىغان بىر قىسىم تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

 

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، 13- يانۋار كۈنى، يېقىنقى مەزگىلدىكى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىلگەن بىر تۈركۈم تور بېكەتلەر، سەھىپىلەر ۋە ئۈندىدار جامائەت نومۇرلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قېتىم جەمئىي 50 تور بېكەت، قانال (سەھىپە) ۋە ئۈندىدار جامائەت نومۇرلىرى قانۇن بويىچە تاقالغان بولۇپ، بۇ 24 تور بېكەت، توققۇز تور بېكەت قانىلى (سەھىپىسى) نى ۋە 17 ئۈندىدار جامائەت نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

    خەۋەردە يەنە: بۇ تور بېكەت، قانال (سەھىپە) ۋە ئۈندىدار جامائەت نومۇرلىرىنىڭ تاقىلىشىنىڭ سەۋەبى، خىتتاي كوممۇنىست پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى تاراتقۇلارنىڭ نامىدا ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، قىمار ئويناش، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، ئېقىم مەسىلىلىرى خەۋەرلىرىنى تارقىتىش سالاھىيىتى ھازىرلىمايلا ئېقىم مەسىلىلىرى خەۋەرلىرىنى تارقىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

خەۋەردە: تاقىۋېتىلگەن تور بېكەتلەرنىڭ قايسى رايون ۋە قايسى مىللەتلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن.

 

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىنى باھانە قىلىپ، ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تېلېفۇنلىرىنىمۇ يول- يوللاردا توسۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تېلېفوندا ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر قوراللىرى، دىنىي پروگراممىلار، دىنىي رەسىم قاتارلىق ماتېرىياللار چىقىپ قالغان ھامان تۇتۇپ تەكشۈرۈش، جەرىمانە قويۇش، قارشىلىق كۆرسەتسە ئېتىپ تاشلاش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: پىداكار

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى