پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 07.01.2015 23:55:17 يوللانغان تارىخ: 07.01.2015 23:55:17 0 6960

WhatsApp دا كۈندە 30 مىليارد قىسقا ئۇچۇرنىڭ يوللىنىشى تېلېفۇن شىركىتىنى كۆپ زىيانغا ئۇچراتقان

WhatsApp نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەركۈنلۈك يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىليارد ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن WhatsApp ئىشلەتكۈچىلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش

WhatsApp دا كۈندە 30 مىليارد قىسقا ئۇچۇرنىڭ يوللىنىشى  تېلېفۇن شىركىتىنى كۆپ زىيانغا ئۇچراتقان

تېلېفوننىڭ تەرەققىي قىلىپ ئەقىللىق تېلېفوننىڭ ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنىشى بىلەن بىرگە، ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە قىسقا ئۇچۇر يوللاش، رەسىم ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاش ۋە سۆرەتلىك پاراڭلىشىش قوراللىرى كۆپلەپ تارقىلىشى، كۆچمە ئالاقە شىركەتلەرگە كۆپلىگەن زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى.

دۇنيادا كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلغان WhatsApp، ھازىر كۈندىلىك يوللىنىدىغان ئۇچۇرنىڭ 30 مىلياردقا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

WhatsApp نىڭ قۇرغۇچىسى فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا كۆرە: WhatsApp نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەركۈنلۈك يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىليارد ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن WhatsApp  ئىشلەتكۈچىلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، WhatsApp نى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 700 مىليونغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەقىللىق تېلېفوننىڭ چىقىشى ۋە WhatsApp قا ئوخشاش پروگراممىلارنىڭ ئىشلىنىشى بىلەن، ئاخىرقى 4 ئايدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشقان WhatsApp، ئەڭ تىز تەرەققىي قىلىشى، فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسىنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى