ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 11.08.2014 02:58:02 يوللانغان تارىخ: 11.08.2014 02:58:02 0 905

ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان ئىسلامى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلار، 18- ئاپرىل كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.


ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان ئىسلامى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلار، 18- ئاپرىل كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا شىۋېتسىيە پارلامېنىتىدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى» نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان، 18- ئاپرىل جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدىن باشلاپ پۈتۈن ئىشخانىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى.
بۇ قېتىمقى پارلامېنتتىكى ئېكىسكۇرسىيىگە ئاۋسترالىيە، سەئۇدى، تۈركىيە ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
پارلامېنتتىكى ئېكىسكۇرسىيەدىن كېيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە، ستوكھولمنىڭ فىتيا رايونىدىكى تۈركىيە دىيانەت ئىشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان چوڭ مەسچىتىگە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىتنىڭ ئىمامى ۋە ھەيئەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. جۈمەدىن كېيىن ستوكھولمدا ئېچىلغان ئىسلام يىغىنغا بېرىپ يىغىننىڭ ئېچىلىش پروگراممىسىغا قاتناشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى