پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 19.12.2014 05:15:53 يوللانغان تارىخ: 19.12.2014 05:15:53 0 3837

ئالما شېركىتى كېلەر يىلى iPhone 6s ۋە iPhone 7 نى بازارغا سالىدىكەن

ئالما شېركىتى 2015- يىلى ئىككى قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ ئىككى مەھسۇلات ئايرىم- ئايرىم ھالدا 6s iPhone ۋە iPhone7 بولۇپ،

ئالما شېركىتى كېلەر يىلى iPhone 6s ۋە iPhone 7 نى بازارغا سالىدىكەن

 

يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە، ئارقا- ئارقىدىن بازارغا سېلىنىۋاتقان ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن سامسۇڭ مەھسۇلاتلىرى بىر- بىرى بىلەن بولغان بازار رىقابەتلىرى كۈندىن- كۈنىگە يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا. ئىككى شىركەتنىڭ بىر- بىرى بىلەن بازار رىقابىتى ئىگەللەش ئۈچۈن يېڭى مەھسۇلاتلارنى سېلىش ئارقىلىق بازار جېڭىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئېنىق بولمىغان بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى كېلەر يىلى iPhone 7 نى بازارغا سالىدىغانلىق خەۋىرى تارقالماقتا.

بۇ ھەقتە باغداش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سامسۇڭ گۇرۇھى ئۆزەك پلاستىنكىسى ئىشلەش زاۋۇتى نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە A9 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: 2015- يىلىدىن باشلاپ سامسۇڭ گۇرۇھى رەسمىي تۈردە ئالما شىركىتىگە ۋاكالىتەن A9 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەپ بېرىدىكەن، شۇنداقلا ئىشلەپ چىقارغان بىر تەرەپ قىلغۇچ كىيىنكى ئەۋلاد  iPhone ۋە iPad كە سەپلىنىدىكەن.

خەۋەردە يەنە: ئالما شېركىتى 2015- يىلى ئىككى قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ ئىككى مەھسۇلات ئايرىم- ئايرىم ھالدا 6s iPhone ۋە iPhone7 بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە iPhone6s كېلەر يىلى ئەتىيازدا، iPhone7 كېلەر يىلى 9- ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى