ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 27.11.2014 03:43:11 يوللانغان تارىخ: 27.11.2014 03:43:11 0 915

خىتايدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش

چەتئەلدە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى، ھەرخىل پىتنىلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەردىلىمەكچى بولۇشىۋاتىدۇ.

خىتايدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش

«پىداكار»

ۋىرۇس ئىسمى چىقسا ھەممە ئادەم ساراسىمىگە چۈشمەي قالمايدۇ. ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچى كومپيۇتېردىن كېيىنلا ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش پروگراممىسى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، چۈنكى شۇنداق قىلمىسا تاپقان تەرگەن ئارخىپلىردىن بىر ۋىرۇس تۈپەيلى  ئايرىلىپ قالىدۇ. ھېچكىم ئارخىپلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. بەزىدە ئادەملەرگە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەل، يەنى «ۋىرۇس» چاپلىشىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ۋىرۇستىن قۇرۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرخىل دورىلارنى ئىشلىتىمىز. بەزىدە دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش «ۋاكسىنىنى» ئۇرغۇزۇپ ۋىرۇسلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. خۇددى كومپيۇتېر ۋىرۇسلانماسلىقى ئۈچۈن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش پروگراممىسى «ئانتى ۋىرۇس» نى سېتىۋېلىپ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلەنگىنىمىزگە ئوخشاش. كومپيۇتېرغا كىرگەن ۋىرۇسلارنى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش پروگراممىسى ئارقىلىق قارشى تۇرغىلى ۋە ۋىرۇسنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بەدەنگە چاپلاشقان ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋەياكى چاپلاشقان ۋىرۇسنى دورا ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەمما رۇھىيىتىمىزگە چاپلاشقان ۋىرۇسنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرەر ئامالى بارمۇ؟ دېگەندە ئەلۋەتتە ئامالى بار. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىش بىلەن بىرگە ھەق بىلەن خاتانى ئايرىغۇدەك ئەقىلنى بىرگە ياراتقانغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر كېسەلنىڭمۇ دورىسىنى بىرگە ياراتقان.

ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ رۇھىيىتىگە چاپلىشىۋاتقان ۋە چاپلاشماقچى بولغان بۇ رەزىل ۋىرۇسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ۋە قانداق يوقىتىش كېرەك؟ ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست، ئەخلاقلىق، ساددا، ئېتىقادلىق، ساخاۋەتچان بىر خەلق. يېقىنقى زامانلاردا بۇ ساغلام بولغان خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسەت قىلغان، چىدىيالمايۋاتقان، كۆرەلمەيۋاتقان، يوقىتىش خىيالىدا بولۇۋاتقان ئەخلاقسىز، مەينەت، ئىنسانىيەتكە تەھدىت بولۇۋاتقان كوممۇنىست قىزىل خىتايدىن ئىبارەت رەزىل ۋىرۇس ئۇيغۇرلارغا چاپلىشىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنى ھالاكەتكە باشلىماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ رۇھىيىتىگە كېرىپ قالايمىقانلاشتۇرماقتا.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى دىنسىزلىق ۋىرۇسلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. ھىيلىگەر قىزىل خىتاي ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوچۇق ئاشكارا ھەرىكەت قىلغان بولسا، باشقا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا قۇرۇلۇش سېلىش، يول ياساش، ئاش قالغان رايونلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقىنى يۇشۇرۇپ، باشقىلار ئالدىدا ياخشىچاق بولۇپ ئالداش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاينىڭ رەزىللىكىنى، دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقان بىر زەھەرلىك ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەن دۇنيا، خىتاينىڭ دۈمبە كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان ھىيلە- مېكرىنى بىلەلمەي يۈرمەكتە. خۇددى كومپيۇتېر ۋىرۇسخورلىرى ئالدى بىلەن ۋىرۇسنى ياساپ تارقىتىپ ئارقىدىن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش پروگراممىسىنى ياساپ مەلۇم ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپ كېيىن ئەجەللىك يېرىگە كەلگەندە سېتىۋالمىساڭ بولمايدۇ، دېگەندەك. خىتايدىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تەھدىت بولۇۋاتقان رەزىل ۋىرۇسخورلار، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كىچىككىنە ياخشىلىقلارنى قىلىپ قويۇپ باشقا چوڭ مەسىلىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋىرۇسنى تارقىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىتىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش ۋىرۇسلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئارىسىغا خىتاينىڭ زەھەرلىك ۋىرۇسلىرىدا دەلدۈش بولۇپ قالغان بىر قىسىم نامى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا سېلىش ئارقىلىق پائالىيەتتىن خەۋەردار بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارنى ھەر ساھەدە تەربىيىلەپ تارقىتىپ، چەتئەلدە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى، ھەرخىل پىتنىلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەردىلىمەكچى بولۇشىۋاتىدۇ.

 

كوممۇنىست خىتايدىن ئىبارەت بۇ ۋىرۇستىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرىدىن بېرى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئالدىمىغا چۈشمەسلىك كېرەك، ھەردائىم ھۇشيار تۇرۇشىمىز، خىتاينىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئۆز- ئارا ئىتتىپاقسىزلاشماسلىق، پارچىلانماسلىقىمىز كېرەك. بولۇپمۇ تەشكىلات رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر ھوشىيارلىقنى ئۆستۈرۈشى، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇداپىئە كۈچلىرىنى ھازىرلىشى كېرەك. بەزىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىق تۈپەيلى قىلىۋاتقان تىجارەتلەردە دىققەت قىلىش لازىم. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېتىقادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلقىمىزنىڭ داۋا ئىشلىرىمىزغا سەمىمىي بولۇش، نەپسانىيەتچىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. تەشكىلاتچىلار خىتاينىڭ تارقاتقان مىللىي ۋىرۇسلىرىنى بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا چارە قوللىنالايدىغان بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش، بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى ۋىرۇسلارغا قارشى چارە قوللىنالمىغان ئەھۋالدا ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ۋىرۇسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ خىلدىكى ۋىرۇسلارنى جامائەت ئارىسىدىمۇ يالغۇز قويۇش كېرەك.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى