ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 26.11.2014 05:23:25 يوللانغان تارىخ: 26.11.2014 05:23:25 0 1372

نامايىشلاردا بايراق كۆتۈرۈش، ئولتۇرما چىقىرىشنىڭ دەسمايىسى ئەمەس

دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش، ۋەتەننى سۈيۈش بىر ئېغىز قۇرۇق شۇئار، ياكى خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت

نامايىشلاردا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈش، ئولتۇرما چىقىرىشنىڭ دەسمايىسى ئەمەس

«ئابدۇللاھ كۆكيار»

چەكسىز ھاياجانلىق تۇيغۇمىز بىلەن جاراڭلىق دۆلەت شئېرى مۇزىكىسى ئاستىدا ، ھەر يىلى 5- فىېۋرال غولجا قىرغىنچىلىقى، 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى  ۋە 1- ئۆكتەبىر كۈنلىرى، خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقىنى چەيلەپ يانجىپ، ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ سىمبۇلىستىك نارازىلىق ئىپادىلەيمىز. ئاشۇنداق مىنۇتلاردا، بىر تەرەپتىن مۇستەملىكە كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىزىل بايراققا قاراپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلاپ  يىللىرى، بەشىنچى ئىيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان شېھىتلەر، ياۋۇز خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكىلىرى، خىتاي ئاققۇن پۇخرالىرىنىڭ مۇستەملىكە كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىگۇناھ ئاممىنى بوزەك قىلىشلىرى  ۋە ۋەھشىيانە ھالدا خەلقنى ئۇرۇپ سۇقۇپ ئولتۇرۇشلىرى، كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قوللىرىمىزدا كۆتۈرىۋالغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا قاراپ، ئىپتىخارلىنىش بىلەن بىرگە، ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنىنى تۆكۈپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەر خىل توسالغۇلارنى يېڭىپ مەستەملىكە قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىپ، ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى خەلق ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىلغارلىقىنى باشتىن ئاخىرى ساقلاپ كەلگەن ئىنقىلاۋى شېھىد ۋە غازىلىرىمىز بىردىنلا ئېسىمىزگە كېلىدۇ.

لەپىلدەپ تۇرغان بۇ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بولسا ئەنە شۇ ئىنقىلابچى ئەجدادلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن.

ئاي  يۇلتۇز بولسا، خەلقىمىزنىڭ پاك ئىتىقادىغا سمۇۋۇل قىلىنغان، كۆك رەڭ بولسا بىپايان كۆك ئاسمان ۋە يېشىللىققا سىمۋوللۇق قىلىپ بىر چاغلاردا ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىنى جىلۋىلاندۇرۇپ، خەلققە ئەمىنلىك ئاتا قىلغان بىر يۇرۇقلۇق ئىدى. ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابى شېھىت قازىلار ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

سابىت داموللام 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئىلىخان تۈرەم 1944-يىلى 11- ئاينىڭ 12 كۈنى شەرقى تۇركىستان تۇپرىقىدا ئۆز قۇللىرى بىلەن، بۇ ئاي  يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقاردى. ئۇلار بىزنى ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئەمىلى خىزمەتلىرى ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ قۇيۇپ بۇ ئالەمدىن كەتتى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يېقىنقى تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ سىمۇۋۇلى، جۇمھۇرىيەت  ئابىرۇيىنىڭ سىمۇۋۇلى، مىللى ئازاتلىق ۋە ئىگىلىك ھۇقۇقىنىڭ  سىمۇۋۇلى. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ  چەتئەللەردىكى ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى ئاممىنىڭ قوللىرى بىلەن ئاسمانغا كۈتۈرۈلگەنلىكىنى كۈرۈپ ‹‹ھۇررا›› كانايلىرىنىڭ  چېلىنغانلىقىنى تۇلۇق ئاڭلاۋاتىمىز.

ئارىمىزدا يەنە  60 نەچچە يىلدىن بىرى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ دىكتاتور تۈزۈمىگە چارىسىز بويسۇنۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك مۇستەبىت دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا قورقۇپ ياشاپ ئۈگۈنۈپ قېلىپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆزىگە سىغدۇرالماي «ئاممىۋى جامائەت سورۇنلىرىغا بايراق ئاسمىسا بۇلاتتى، ۋەتەنگە بېرىپ كېلىۋاتقانلارغا كاشىلا تېرىپ قۇيىسىلەر دەيمەن دەپ» سېرىق ھەرىدەك غىڭشىپ ئادەم چېقىپ يامان ئۈگۈنۈپ قالغان ئاز ساندىكى ئەكسىل ئىنقىلابچى كۈچلەرمۇ يوق ئەمەس. بۇلارغا ئىدىۋى خىزمىتى ئىشلەپ تۇيۇق يولدىن قۇتقۇزۇش، جامائەت ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىموكراتىك دۆلەتتە سىياسى پاناھلىق بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلارغا، ئۆزىنىڭ سىياسى مۇلتەجى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، قانۇن تارماقلىرىغا مەسىلىسىنى دۆكىلات قىلىش، ئايرىم بىر مەسىلە.

 شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى ياش ئەۋلادلىرىمىز، خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىمىلىرى ۋە ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدىكى قاتتىق جازا ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبلىك، بۇ، بايراق ھەققىدە بەزى تەسۋىرلەرنى قۇلاقتىن قۇلاققا مەخپى يۆتكەپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، بايراقنى كۆرۈشتىن ئۇنى باغرىغا بېسىپ قەدىرلەشتىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا.

دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش، ۋەتەننى سۈيۈش بىر ئېغىز قۇرۇق شۇئار، ياكى خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سىمبۇلىستىك نارازىلىق نامايىشى ئەمەس. نارازىلىق نامايىشى بىزنىڭ ۋەتەنگە تۆھپە قۇشۇش، شەرقى تۈركىستان پۇخرالىق  ئىلغارلىقنى ساقلاش  تەربىيسىنى ئۈگۈنىشىمىزگە ياخشى بولغان، شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەمىلى سىياسەت مەيدانى، بەزى سەپداشلىرىم بۇ، ھەقتە ئېنىق ماقالە يازغاندەك، نامايىش قىلىش، نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ بىر خىل تىنىچ شەكلى ۋاسىتىسى بۇلۇپ، خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك مۇستەملىك ھەرىكىتىگە قارشى بىر خىل ۋاسىتە.

شۇ ڭا يىلدا بىر نەچچە قېتىم شەرقى تۈركىستان پۇخرالىق ئىلغارلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىش، پائالىيەتلىرىنى  تەشكىلاتلارنىڭ تۈرلۈك تەجرىبە سىياسەتلىرى ۋە يول يۇرۇقلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ پۇرسىتى، خىتايدىن قورقماسلىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دۆلەت بايرىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش سىياسى يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەركىم ئۆزىمىزنىڭ ئىش ئورنىمىز دىكى يىڭى پۇرسەت ۋە ئىقتىدارىمىزدىكى ئارتۇقچۇلۇقلارنى "ۋەتەننى بىر كۈنمۇ بولسا بالدۇرراق خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسى ئىنقىلاپ قۇرۇلۇشى" ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشۇشقا مەركەزلەشتۈرىشىمىز لازىم!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى