پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 18.11.2014 07:06:17 يوللانغان تارىخ: 18.11.2014 07:06:17 0 4751

ئالما سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئۈچ كىشى تۇتۇلدى

دۇنياغا داڭقى چىققان ئالما شىركىتىنىڭ ئاخىرىقى يېڭى بىر ئەۋلاد سىستېمىسىنىڭ ئوچۇق تارقىتىلىشى، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.

ئالما سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئۈچ كىشى تۇتۇلدى

ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتا مەلۇم بىر شىركەتكە باغلانغان ۋەياكى زاۋۇتتىن بىۋاستە ئۇچۇق ھالەتتە بازارغا سېلىنىدىغان بولغاچقا، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ۋىرۇستىن ئىبارەت يۇقۇملانغۇچ پروگراممىسىنى ياساپ ھۇجۇم قىلىشتا مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن دۇنياغا داڭقى چىققان ئالما شىركىتىنىڭ ئاخىرىقى يېڭى بىر ئەۋلاد سىستېمىسىنىڭ ئوچۇق تارقىتىلىشى، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى iOS سىستېمىسىدا يامان غەرەزلىك پىروگرامما ياسىغۇچى ئۈچ كىشىنى قولغا ئالغان، مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەر توختىتىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

11-ئاينىڭ بېشىدا، تەتقىقاتچى خادىملار ئالما شىركىتىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىسى iOS سىستېمىسىدا Wirelurker دەپ ئاتىلىدىغان بىر يوچۇقنى بايقىغان بولۇپ، بۇ يۇچۇق iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يوچۇقنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئابونېنتقا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار بولۇپ، بۇ يوچۇق ئاساسلىقى مەييادى ئەپ بازىرىدىن تارقالغان ئىكەن. بۇ جۇڭگودىن كەلگەن ئۈچىنچى تەرەپ OS X يۇمشاق دېتالىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىكەن.
خەۋەردە يەنە: ئەگەر بۇ يۇقۇملىنىش پروگراممىسىدا بىر كومپيۇتېر يۇقۇملىنىپ قالسىلا، Wirelurker شۇ ھامان USB ئېغىزى ئارقىلىق، ئىككىلىك سىستېمىدىكى ھۆججەت شەكلىدە ئەسلى بار بولغان پىروگراممىنى قايتىدىن يېزىپ  iOS ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىرۇس تارقىتىدىكەن.
يېقىندا، ئۈچىنچى تەرەپ Mac بازىرىدىكى يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ۋە «نىقابلىق ھوجۇم» ۋەقەسىگە قارىتا، ئالما شىركىتى بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، OS X ۋە iOS سىستېمىسىنىڭ ئىچىگە بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ئېيتقان ھەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورگان تەرەپنىڭ تور بېكىتىدىن يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلغان.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى