پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 14.11.2014 11:19:14 يوللانغان تارىخ: 14.11.2014 11:19:14 0 4290

ئالما شېركىتى iOS نىڭ ئابونېنتلىرىنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇردى

ئۇچۇر بىخەتەرلىك شىركىتى FireEye بۇ ھەپتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بۇ ئاتالمىش «نىقابلىق ھوجۇم» دېگەن سىستېما يوچۇقىنى ئېلان قىلغان

ئالما شېركىتى iOS نىڭ ئابونېنتلىرىنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇردى

كومپيۇتېر ساھەسىدە خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم قىلالماي كېلىۋاتقان سىستېمىسىدىن ئالما سىستېمىسىنىڭ يېڭى نەشىرىدە يوچۇقنىڭ بارلىقى ئاشكارلاندى.

سىنا پەن تېخنىكا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىنى، خاككېرلارنىڭ يېقىندا بايقالغان ئالما iOS سىستېمىسىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردۇرغان.

ئۇچۇر بىخەتەرلىك شىركىتى FireEye بۇ ھەپتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بۇ ئاتالمىش «نىقابلىق ھوجۇم» دېگەن سىستېما يوچۇقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا قاراشلىق ئامېرىكا كومپيۇتېر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ سىستېما يوچۇقى ئارقىلىق، خاككېرلار نورمال iOS دېتالىنى يامان غەرەزدىكى يۇمشاق دېتالغا ئلماشتۇرۇپ قويىدىكەن.
ئاگاھلاندۇرۇشتا يەنە :«بۇ تېخنىكا ئۇچۇر بىخەتەرلىكى يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، تەسىر قىلغان ئۈسكۈنىلەردە ئىشەنچىسىز، قانۇنلۇق دېتاللار بىلەن ئوخشاش «باغلاش پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى» بار بولغان دېتالنى قانۇنلۇق دېتالنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە بارلىق ئابونېنت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلاپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ يوچۇق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، iOS دېتال گۇۋاھنامىسى ۋە باغلاش پەرقلەندۈرۈش بەلگىسىگە قارىتا مەجبۇرىي ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارمايدۇ» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە، بۇ ئورۇن iOS ئابونېنتلىرىنىڭ ئالما ئورگان ئەپ تورىنىڭ سىرتىدىكى دېتاللارنى قاچىلىماسلىقى ئاگاھلاندۇرغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى