ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 31.10.2014 05:37:09 يوللانغان تارىخ: 30.10.2014 08:43:42 0 1828

«ھە ،ھە ،دەپ بەرسەڭ، شىللەڭگە مىنىدۇ»

كۆز ئالدىمىزدا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، ۋە ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىلەر، مۇستەملىك ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىيەت

«ھە ،ھە ،دەپ بەرسەڭ، شىللەڭگە مىنىدۇ»

 

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازات بولىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاۋام خەلق ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يادروسى بولغان شەرقى تۈركىستان داۋاسى تەشۋىقاتىنىڭ نىشانىنى ئۈچكە، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكى، خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىستانغىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا يۇشۇرۇن تەھدىت ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازات بولىشى دۇنيا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ يۇشۇرۇن تەھدىتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىشتەك مەنىۋى توسمىلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش لازىم!

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازات بولىشى دۇنيانىڭ تىنچىقلىقىغا، ئىقتىسادىغا تەرەققىياتىغا قانداق مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، دېگەن سوئالغا قانائەتلىك ئىلمى جاۋاب ھازىرلىيالساق، داۋايىمىزنىڭ يوللىرى تېخىمۇ راۋان بۇلۇپ كېتىشىدە گەپ يوق.

ئاتتىمىش نەچچە يىلدىن ئارتۇق گەۋدىمىزنى بېسىپ جاپا سېلىۋاتقان خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تاغنىڭ خاراكتېرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىنساۋىمىزغا كېلىپ، ئەسلى ھەققىمىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدىن تانازۇل قىلىپ، خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرى ۋە رەھىمسىز خەلقئارا دىپلۇماتى شەكىللەندۈرگەن بەزى ئاچچىق رىياللىقلارنى چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ، قۇبۇل قىلىپ، سۆھبەت دېئالوگ ئۈچۈن سالامغا قولىمىزنى بەرسەك، خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرىنىڭ پوقى تازا قېتىپ قولىمىزنى تۇتۇۋېلىپلا قويۇۋەتمەي ئىشكەل سېلىپ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا باشقا يىڭى بىر خىل ئاچچىقراق بىمەنە سىياسەت ۋە رېئاللىقنى توغرىلاپ ئۇنىمۇ قۇبۇل قىلىشقا زورلاپ، مۇستەقىللىق ئىرادىمىزدىن پەيدىن- پەي ۋاز كېچىشكە، كىملىكىمىزنى تامامەن ئۆزگەرتىپ قارا خىتتاي بۇلۇپ كېتىشكە قىستاۋاتىدۇ.

2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە قانلىق باستۇرۇلغان ناتىۋان خەلقىمىز خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئالدىدا كۈتۈرۈپ تىنىچ نامايىش قىلغانتىغۇ؟ نەتىجە نېمە بولدى؟ يىراققا بارمىساقمۇ، كۆز ئالدىمىزدا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، ۋە ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىلەر، مۇستەملىك ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە كۈتۈرۈپ چىققان داۋا شەكلى ۋە ئۇلار ئۇچۇرغان قارا قىسمەتلەر بۇنىڭ جانلىق مىسالى.

ۋەتەن سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ھازىرقىدەك، خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش جىنايەتلىرىنى داۋاملىق پاش قىلىپ، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن قەبىھ جىنايەتلىرى ھەققىدە ئايرىم –ئايرىم دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇنى خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك سوتلارغا بېرىش، خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قۇيۇش، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاساسى قاتلاملارغا چۆكۈپ داۋايىمىزنى ھەر مىللەت خەلقىگە ئاممىباب شەكىلدە ئاڭلىتىپ، خەلقئارا مىقياسىدا خەلقچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرىگە خەلقئارا سەھنىلەردە بەلگىلىك بېسىم پەيدا قىلىپ تەلىتىشى مۇمكىن، ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا يالغان ۋەدىلەرنى بېرىشكە قىستىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭلىق بىلەن خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تۈگەمدۇ؟

خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرى، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى نۇقتىسىدىن تەشۋىقات قىلىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر تەشكىلات ۋە سىمۋوللۇق سىياسى رەھبەرلىرىمىزنى "تېررورچى، بۆلگۈنچى، ۋەتەن خائىنى، دىننى ئاشۇرمىچى، قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچى" دېگەندەك قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلاپ، 35 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى داۋا ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە تونۇپ، ئۇلارنى تىنچلىق سۆھبەت ئۈستىلىگە چاقىرامدۇ؟

خىتاي مۇستەملىك ئۇنسۇرلىرىدىن ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇلارنى كۈتۈش مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سوئاللىرىمغا قېنى كىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلەيدۇ؟

كونىلاردا «ھە ھە دەپ بەرسەڭ، شىللەڭگە مىنىدۇ»" دەۋاگەر يۇۋاش بولسا، قازى مۇتتەھەم" دېگەن ماقال تەمسىل بار. مېنىڭچ،ە بۇ ماقال تەمسىلنى ئاتا بوۋىلىرىمىز دەل خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ ناچار خاراكتېرىنى، ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا ئوخشاش پاشىست دىكتاتورلارغا نىسبەتەن تۇتقان مەنسەپپەرەسلىك ئاساسىدىكى پاسسىپ مەيدانىنى كۆزدە تۇتۇپ دېگەن بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن بەزى بىر قىسقا ماقال تەمسىللەر بىزگە ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سىياسى ئىجتىمائىي سۇغۇغچىلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى شۇنداق جانلىق يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. مەن بۇلارنى يېزىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئاز سانلىق ئادەملەر ياقتۇرمايدىغان ئاتالمىش "زوراۋانلىق ھەرىكىتى" ئەڭ توغرىسى "مەۋجۇدىيتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان قوغدىنىش شەكىلدىكى خەلق قۇراللىق قارشىلىق ھەرىكىتى " گە قارا قۇيۇق ھەممە ئادەمنى قارىغۇلارچە ھەيدەپ، ئۇرۇش قىلىپ تۈگەپ كېتەيلى، يا بىرنېمە بۇلايلى دېمەكچى ئەمەس، بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى، جۈملىدىن خەلقئارا سەھنىلەردە تونۇلۇپ مېڭىۋاتقان بارلىق سىياسى تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ۋە بارلىق مۇستەقىل سىياسى پائالىيەتلەرنى خىتايدەك ناچار كاززاپ دۈشمەنگە ئالدىراپ چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتمەسلىككە، تارىختا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرەم ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ئەمىلى ۋەكىللىك قىلغانلىقىدەك نەمۇنىلىك روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرماقچى.

2011-يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ۋەتىنىمىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ناۋاغ ساقچى پونكىتىنىڭ ئۆگزىسىگە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تىلىگەن پىدائىيلارنىڭ "شەرقى تۈركىستاننى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن تەلتۆكۈس ئازات قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىق" ئىرادىسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا چاقىرماقچى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى