تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 20.10.2014 10:56:38 يوللانغان تارىخ: 20.10.2014 10:42:06 0 7047

ئاۋات ناھىيىسىدە 3-نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى تائام بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋات ناھىيىسىدە 3-نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى تائام بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستاندا «دولان مەدەنىيىتى ماكانى›› دەپ نام ئالغان ئاۋات ناھىيىسىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگۇ» دۆلەتلىك 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ سىرلىق دولان قەبىلىسى دولان كەنتىدە ‹‹شىنجاڭ ئاشقازان شاھى›› ۋە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى تائام بايرىمى باشلانغان.

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە، 17- ئۆكتەبىر كۈنى، 3- نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى تائام بايرىمى باشلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە: پائالىيەت ناھىيىنىڭ توغراقلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ساياھەتچىلەر ساياھەتچىلەر ئىپتىدائىي دولان تائاملىرىنى تېتىش بىلەن بىرگە، ئىپتىدائىي دولان ناخشا-ئۇسسۇللىرى ۋە دولان چېلىشىشى قاتارلىق نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن.

    بۇ قېتىمقى تائام بايرىمى بىر كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 200 دىن ئارتۇق يېمەك-ئىچمەك، مېۋىچىلىك كارخانىسى پائالىيەتكە قاتناشتى، بۇ پائالىيەتكە يەنە مەزكۇر ناھىيە ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىن بولۇپ 60 مىڭدەك كىشى قاتناشقان.

 خەۋەردە يەنە: بۇ بىر كۈنلۈك مەزكۇر پائالىيەتتە، ساياھەتچىلەر مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا، يەنە يىپيېڭى قىياپەتكە كىرگەن دولانلىقلار قەبىلىسى كەنتىدىكى دولان دېھقانلىرىنىڭ رەسىملىرى، دولان قاپاق رەسىملىرى، چالغۇ ياساش، كەشتىچىلىك، گىلەم توقۇش قاتارلىق ئەل ئىچى قول ھۈنەر سەنئىتىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ئەبەدىي- ئەبەد ئازغۇنلۇققا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق، ئەمما خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھەرخىل ھىيلە- مېكرىلەر بىلەن ئالداپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە، ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن زامانىۋى كىيىملەرنى كىيىشتىن ئىبارەت ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپ كىيىملەرنى مەجبۇرىي كىيدۈرۈش ئارقىلىق دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايراملىرى بولغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىنى داغدۇغلىق ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەن كوممۇنىست خىتاي دائىرلىرى، زامانىۋى يۆرۈش، ئېچىۋېتىپ يۆرۈشنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچىشى، ئۇيغۇر خەلقىنى ناخشا- ئۇسۇلغا ھېرىسمەن قىلىش ئاقىلىق دىنىي- ئىتىقادىدىن سۇسلاشتۇرۇپ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى