پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 06.10.2014 07:02:24 يوللانغان تارىخ: 06.10.2014 07:02:24 0 6614

خىتايدا 6 سائەتتە 2 مىليۇن iphone سېتىلدى

مەھسۇلاتى iphone 6 plus بىلەن 6 iphone سېتىلىش ئىستاتېستىكىسىغا قارىغاندا، خىتايدا سېتىلغان 6 iphone نىڭ

خىتايدا 6 سائەتتە 2 مىليۇن iphone سېتىلدى

ئالما شېركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى iphone 6 plus بىلەن 6 iphone خىتاي بازىرىغا سېلىنىپ 6 سائەت ئىچىدە 2 مىليۇن سېتىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇنداقتا بۇ ئالما شېركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان iphone 6 plus بىلەن 6 iphone نىڭ سېتىلىش سانى قايسىنىڭ يۇقىرى؟

خەۋەرلەردىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئالما شېركىتىنىڭ يېڭى مودېللىرى بولغان iphone 6 plus بىلەن 6 iphone، دۇنيادىكى تېلېفۇنلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتارىدىكى ئەقىللىق تېلېفۇن سانالغان بۇ تېلېفۇنلار، خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى. نوپۇسنىڭ كۆپلىكى بىلەن دۇنيانى قاپلىغان خىتايدا iphone 6 plus بىلەن 6 iphone سېتىشقا باشلىغان.

ئاخىرىقى مەلۇماتلارغا كۆرە: 1.2 مىلىيارد تېلېفۇن ئابونتى بولغان خىتايدا سېتىلىشقا باشلىغان iphone 6 plus بىلەن 6 iphone، سېتىلىش باشلاپ 6 سائەت ئىچىدە 2 مىليۇن سېتىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئۇنداقتا: بۇ iphone 6 plus بىلەن 6 iphone نىڭ قايسى شەكلى ئەڭ كۆپ سېتىلدى؟ ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا كۆپلەپ خەۋەر تارقالغان iphone 6 plus، خىتايدا ئەڭ كۆپ تەسىر قوزغىغان.

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا كۆرە: مەھسۇلاتى iphone 6 plus بىلەن 6 iphone سېتىلىش ئىستاتېستىكىسىغا قارىغاندا، خىتايدا سېتىلغان 6 iphone نىڭ 1.106379 بولۇپ، plus 6 iphone نىڭ سېتىلغان سانى 1.189083 بۇلۇپ، 6 iphone گە قارىغاندا iphone 6 plus خىتايدا ئەڭ كۆپ بازار تاپقان.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى