پەن تېخنىكا

يېڭىلانغان تارىخ: 02.10.2014 07:00:06 يوللانغان تارىخ: 02.10.2014 07:00:06 0 8205

مىكروسوفت شىركىتى ۋىندوۋس 10 نى تونۇتتى

ۋىندوۋس 10 دىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بېرى بولسا ئېكران يۈزىدىكى «باشلاش» كۇنۇپكىسى بولۇپ، مىكروسوفت شېركىتى ۋىندوۋس 8 نەشىردىن باشلاپ «باشلاش»

مىكروسوفت شىركىتى ۋىندوۋس 10 نى تونۇتتى
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سىستېمىسى ۋىندوۋس 9 نىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ۋىندوۋس ھەۋەسكارلىرىغا، ۋىندوۋس 10نى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كىشىلەرنىڭ ۋىندوۋس 9 نىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر پەيتتە، مىكروسوفت شېركىتى ۋىندوۋس 9 دىن 10 غا ئاتلاپ ئۆتتى، ئەمما نېمە ئۈچۈن ۋىندوۋس 9 دىن 10 غا ئاتلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.
شىۋېتسىيە خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: مىكروسوفت شىركىتىنىڭ سان فرانسېسكودا ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋىندوۋس سىستېمىسىنى تونۇتۇش پائالىيىتىدە، مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى تېرري مايېرسون ۋە جوې بېلفىورې « Terry Myerson ۋە Joe Belfiore »، ۋىندوۋس 10 دىكى يېڭىلىقلارنى تۇنۇشتۇرغان.
خەۋەردە يەنە: ۋىندوۋس 10 دىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بېرى بولسا ئېكران يۈزىدىكى «باشلاش» كۇنۇپكىسى بولۇپ، مىكروسوفت شېركىتى ۋىندوۋس 8 نەشىردىن باشلاپ «باشلاش» كۇنۇپكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. ۋىندوۋس ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋىندوۋس 8 گە كۆنۈپ بولالماسلىق مەسىلىسى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىنماقچى بولغان ۋىندوۋس 10 دا، «باشلاش» كۇنۇپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋىندوۋس 10 نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۈستەل يۈزى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئۈستەل يۈزى كۆرسەتكىلى بولىدىكەن. بۇ ۋىندوۋس سىستېمىسىنىڭ 10- نەشرى 2015- يىلى مارت ئېيىدا پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى