شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 14.12.2019 11:11:51 يوللانغان تارىخ: 14.12.2019 11:11:51 0 3197

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھەقلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، ۋەيەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز- ئارا ئەسسالامۇ

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە جۈمە كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى، ئوڭچى پارتىيە، يېشىللار پارتىيىسى، خىرىستىيان دېموكرات پارتىيىسى، لېبىرال پارتىيىسى، مەركەز پارتىيىسى قاتارلىق ئالتە پارتىيە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا دائىر قارار ماقۇللاش توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە ئېلىپ باردى. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بېرى شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى، شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلار، ھۆكۈمە خادىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققان لاگېر شاھىتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، پارلامېنت ئەزالىرىغا پوچتا ئارقىلىق خەت يوللاش، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار ئىدارىسىگە بىرقانچە پارچە دوكىلات يوللاش، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق بىرقاتار زەنجىرسىمان پائالىيەتلەرنى قىلىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا كىردى. شىۋېتسىيە سوتسىيال پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى توماس ھامماربېرگ بىلەن تۈرك مىللىتىدىن بولغان پارلامنت ئەزاسى سەركان كۆسە بىرلىكتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قوللۇق سىياسىتى بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى، رايۇندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپ شىۋېتسىيە پارلامېتىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى باشقا پارتىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ خىتاي توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇلغان. مەزكۇر تەكلىپلەر پارلامېنتنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدە تەستىقلىنىپ پارلامېنتقا كىرگەن. مەزكۇر قانۇن ماقۇللاش ئۈچۈن 2019- يىلى 13- دېكابىر جۈمە كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 دىن 15:30 گىچە ئىككى سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ ئىككى سائەتلىك تالاش- تارتىش كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي بىكەن بولغان دېپلۇمات ۋە ئىقتىسادى مۇئامىلىگە زىيان كەلمەيدىغان بىر قارار چىقىشى ئۈچۈن تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە سۇنۇلغان. پارلامېنتتا سۆز قىلغان سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى ئايلىن فازېلىيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاې رېجىمىنىڭ لەنەتلەيدىغان بىر قارارنىڭ چىقىشىنىڭ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلغان. ئايلىن سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھەقلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، ۋەيەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز- ئارا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالاملىشىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى، ھەمدە بولارنى كوممۇنىزىملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنسان ھەقلىرىدىن چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ ئۇلارنى تۇتۇپ قامالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىق قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن تاشقى ئىشلار كومىسسىيۇنى، شىۋېتسىيەنىڭ چوڭ تېكنولۇجى (تېخنىكا) شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ شىۋېتسىيەنىڭ تېخنىكىسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق قىلىپ قۇيۇلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە قىلىنغان. كومىسسىيۇن يەنە، شىۋېتسىيە بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىقتىساد مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغان، شىۋېتسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەنپىئەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئاساستا بىر قارار چىقىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بۇلۇشىچە، بۇ ئاينىڭ 17- چىسىلا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا بىر قارار بېرىلىشى ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشكە قۇيۇلىدىكەن.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش