سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەناسىنى توغرا ئىگەللىشىمىز زۆرۈر | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 23.11.2019 12:47:03 يوللانغان تارىخ: 23.11.2019 12:47:03 0 2149

سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەناسىنى توغرا ئىگەللىشىمىز زۆرۈر

ھۆكۈمەت ، پارتىيە ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىس قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى ئىشلار ھەم خەلقارا مۇناسىبەت جەھەتلەردىكى

سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەناسىنى توغرا ئىگەللىشىمىز زۆرۈر ئالماس ھاجى تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى توغرا ئىگەللەش زۆرىيىتى تۇغۇلىۋاتىدۇ ، چەتتىن كىرگەن ئايرىم سۆزلەرنى ياكى تىلىمىزدىكى قەدىمقى سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە بىز قۇبۇل قىلغان ۋە ئەسلىدىن ئىپادىلەپ كەلگەن ئۇقۇم مەنالىرىگە يەنە قوشۇمچە مەنالەرنى قوشۇپ ، ئۇ سۆزنى جۈملە ئىچىدە يېڭى قوشۇلغان مەنا بويىچە ئىشلەتكەندە كۆپكە تونۇشلۇق بولغان مەنادىن چەتنەشتەك مۇجمەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكۈن . مەسىلەن : مەپكۇرە دىگەن سۆز تىلىمىزدا ئىدىيە دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنادا ئىشلىتىلىپ كەلگەن ، مەپكۇرىنى ئىدىيەلەر سىستېمىسىنى ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىدىلوگىيە ۋە ياكى كەلگۈسى شەيئىلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ياكى ئارزۇ ، ئۈمۈتنى ئىپادىلەيدىغان غايە مەنىسىدە ئىزاھلىساق ئۇ ھالدا مۇجمەللىك كىلىپ چىقىدۇ . شۇڭا چوڭ خاتالىق بولمىسا يەنىلا ئەسلىدە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىزاھلانغان مەنا بىلەن داۋام ئىتىپ ئۆزلەشكەن تىل ئادىتىمىز بويىچە ئىشلەتكىنىمىز ياخشى . تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىدە ئىزاھلانغىنى بويىچە ئېلىندى ، بەزىلىرىگە تىرناق ئىچىدە تولۇقلىما ئىزاھات بىرىلدى . لوغەتتىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىگە مۇستەملىكە تۈزۈم ئىسكەنجىسى تۈپەيلى ئايرىم سىنىپى ئاتالغۇلار قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن ، قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تۈزۈتۈپ پايدىلىنىشنى ۋە ئىلمىي ئاساستا تولۇقلىشنى ئۆمۈت قىلىمەن . 1. سىياسىي - ھۆكۈمەت ، پارتىيە ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىس قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى ئىشلار ھەم خەلقارا مۇناسىبەت جەھەتلەردىكى پائالىيىتى . سىياسىي ئىقتىساتنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى بولۇپ ، ھەر قانداق بىر سىنىپنىڭ سىياسىسى ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ . 2. سىياسەت - دۆلەت ھاكىمىيىتى ياكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ، سىرىت بىلەن ئالاقە باغلاش ھەمدە بەلگىلىك تارىخى شارائىت ئىچىدىكى يۈنۈلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۈزۈپ چىققان ھەرىكەت مىزانى ياكى تۇتقان يولى . (يۇقۇرىدىكى ئۇقۇم مەنالىرىدىن قارىغاندا سىياسىي ۋە سىياسەت ھۈكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار ئىھتىياجىغا قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ ) . 3. مەپكۇرە-ئىدىيە . 4. ئىدىيە-ئوبىكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەپەككۈر نەتىجىسىدە كىشى مىڭىسىدە ئەكىس ئەتكەن ئىنكاسى . ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ خاراكتىرى ۋە كىشىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇش شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 5. ئىدىئولوگىيە - مەلۇم سىنىپ ياكى پارتىيەنىڭ مۇئەييەن كۆز قاراش ، پىكىر،ئۇقۇم،ئىدىيىلىرىنىڭ سىستېمىسى . سىياسىي كۆز قاراش ، پەلىسەپە،سەنئەت ، دىنلارنىڭ ھەممىسى ئىدىلوگىيەنىڭ شەكىللىرىدۇر. ھەرقانداق بىر خىل ئىدىلوگىيە ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنكاسى يەنى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىقتىسادى تۈزۈمنىڭ ئىنكاسى بولىدۇ ، شۇ تۈزۈم مەنپەئەتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ . 6. غايە - كەلگۈسى شەيئىلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ياكى ئارزۇ ، ئۈمىد ، ئىستەك ؛ بىرەر ئىش ، ھەركەتنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوي ، نىيەت ، مەقسەت ؛ 7. مىللىي - مەلۇم بىر مىللەتكە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ، مىللىي خۇسۇسىيەت ،مىللىي كۈي . يەرلىك مىللەتكە تەۋە ، مەلۇم دۆلەتكە ، مەملىكەتكە تەۋە مىللىي دارامەت،مىللىي مەجلىس . 8. ئەقىدە- چىن كۆڭۈلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ، پىكىر ، ئىشەنچ . بىرەر نەرسە توغرىسىدا شەكىللەنگەن ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش ئادىتى . 9. ئىتىقاد - ئىشەنچ ۋە ئىتىقاتقا ئاساسەن شەك يوق دەپ قارالغان قائىدە ۋە ھۆكۈملەر . 10. ئەللامە -ئىلىم-پەننىڭ بىر قانچە ساھەسىنى ئىگەللىگەن بىلىملىك ئادەم. 11 . سىستېما-تەركىبى قىسىملارنىڭ ئۆزئارا ئورگانىك باغلىنىپ ، پىلانلىق رەۋىشتە جايلىشىشىغا ئاساسلانغان تەرتىپ ؛ ئوخشاش تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتتە تەشكىللىنىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن پۈتۈنلۈك ؛ بىرەر تەلىماتقا ئاساس بولىدىغان قائىدىلەر ، كۆز قاراشلار ۋە پرىنسىپلار يىغىندىسى ؛ بىرەر ئىشنىڭ مېتوتلىرى ۋە تەرتىپ -ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسى ؛ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسىملاردىن ، ئېلېمېنتلاردىن تەركىپ تاپقان پۈتۈنلۈك ؛ ۋەزىپىلىرىگە قاراپ ياكى تەشكىلى جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئويۇشقان مۇئەسسەسەلەر يىغىندىسى ؛ بىر مەقسەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۈسكۈنە ، ماشىنا، مىخانىزىم ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان يىرىك تېخنىكىلىك قۇرۇلما . 12. سىمۋول - بىرەر ئىش،نەرسە ، ھادىسە قاتارلىقلار شەرتلىك ھالدا شۇلار ئىپادىلاپ بېرىدىغان ياكى ئەسلىتىدىغان تۇرمۇش ھادىسلىرى ، ئۇقۇملار ۋە نەرسىلەرگە بەلگە قىلىنىدۇ ياكى تەققاسلىنىدۇ . مەسىلەن ، تاڭنى ئازاتلىققا ، تۈننى زۇلۇمغا ، بوراننى ئىنقىلاپقا بەلگە قىلغانغا ئوخشاش . بىرەر غايە ، چۈشەنچە ، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان ، ئەسلىتىدىغان باشقا خىل نەرسە ، ھادىسە ياكى شەرتلىك بەلگە؛ م، كەپتەر-تىنىچلىقنىڭ سىمۋۇلى . 13. زىھىن (زىھنىيەت) - ئىنساننىڭ بىلىش ، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ، ئەقلىي ئىقتىدارى ، پىكىر خىيالى ، ئەس- ھوش ئىدىراكى ، ئەقىل پاراسىتى . 14. بىرلىشىش ، بىرلەشمەك - ئۆزئارا تۇتاشماق ، ئۇلانماق ؛ مەلۇم مەقسەت ياكى مەلۇم ئاساستا بىر - بىرىگە قۇشۇلماق ، ئۇيۇشماق . 15. ئىتتىپاق - گۇرۇپپا ، جەمئىيەت ، سىنىپ ياكى مىللەت ، دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن بىرلەشمىسى (بىرلىكى) . — ئىتتىپاق تۈزمەك(ئىتتىپاقلىشىش ) – بىرلىشىش ، بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزئارا كىلىشىپ قارار ماقۇللىماق . ئىتتىپاق بولماق – ئىتتىپاقلاشماق ، ئىناق ئۆتمەك . 16.ھەمكارلىشىش - ھەمكارلاشماق - ياردەمدە بولماق ، ئۆزئارا ياردەملەشمەك ؛ بىرەر ئىش ، بىرەر ۋەزىپىنى ، خىزمەت قاتارلىقلارنى بىر قانچە ئادەم ياكى بىر قانچە ئورۇن (تەشكىلات) ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشلەش ، ئورۇنلاش . 17. سىتىراتىگىيە - ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى ، كۆچمە، ئىجتىمائىي ،سىياسىي كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتى . (سىتىراتىگىيە - بەلگۈلەنگەن نىشانغا يىتىش ئۈچۈن قولۇڭدىكى بارلىق ئىمكانلارنى ۋە مەنبەلەرنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ سەنئىتى . سىتىراتىگىيە بىر سەنئەت بولسا ، سىتىراتىگىيە تەتقىقاتى بىر ئىلىمدۇر ( ئەركىن ئەكرەم) . 18. مۇئەسسەسە - بىرەر ساھەنى باشقۇرىدىغان ، بەلگۈلىك شىتات ۋە مەمۇرىيەتكە ئىگە بولغان تەشكىلات . 19. رادىكال - نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تۈپ ۋە كەسكىن چارە كۆرۈشنى تەلەپ قىلىش . (ئىجتىمائىيەتتە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق )كەسكىن ئۆزگۈرۈشلەرنى تەشەببۇس قىلىش . 20. ئۇلۇس - مىللەت (توپى) ؛ خەلق ؛ بىر ئۇلۇس ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغىنى ئۈچۈنلا ، ئۆز-ئۆزىگە خاس بىر ئۇلۇس بولىدۇ. (ئۇلۇس—مەلۇم جۇغراپىيىلىك شارائىتتا دەقەمتە ياشىغان ، ئورتاق غايە ، ئورتاق نىشان ئاساسىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر توپى ئۇلۇس بولىدۇ . ئۇلۇسنىڭ ئۇقۇم مەنىسى تىلىمىزدىكى خەلق ، ۋەتەن، دۆلەت دىگەن سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى بىلەن ئوخشاپ كىتىدۇ . مەسىلەن : شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى دىگەننى شەرقىي تۈركىستان خەلقى(دۆلەتى)، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان، دىسەك تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك ئۆز تىل بولىدۇ). 21. مىللەت - ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل ، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى . (مىللەت—ئوخشاش تىل بىرلىگىگە ، ئوخشاش ئۆرپە-ئادەتكە ، ئوخشاش تارىخىي كەچۈرمىلەرگە ئىگە ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ ، كۆپ ھاللاردا مىللەت ئۇلۇسىنىڭ(خەلقنىڭ) تەركىبى قىسمى بولىدۇ . بەزى ھاللاردا مۇستەقىل گەۋدىلىنىشى ھەم مۈمكۈن . مىللەتنى يەرلىك گۇرۇپپا قاتارىغا كىرگۈزۈش تىل ئادىتىمىز ۋە چۈشۈنىشىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ . تىلىمىزدا يەرلىك گۇرۇپپا دەپ ئادەتلەنمىگەن، يەرلىك خەلق دىيىلگەن . گۇرۇپپا دىگەن سۆز ئادەملەر توپىنىڭ كىچىك بىرلىكلىرىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: مۇئەللىم سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلدى. ئۇلار بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەركەت قىلىشقا باشلىدى. يەرلىك خەلق دىيىلگەندە ئۇ يۇرت ، بۇ يۇرتقا ياكى مەلۇم جۇغراپىيەلىك شارائىتتا ياشىغان ئادەملەرنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى توپىغا قارىتا ئەيتىلىدۇ .بۇلار مىللەتنىڭ تەركىبلىرى بولىدۇ ) . 2019-11-23 ئىستانبۇل
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش