ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 21.11.2019 11:17:55 يوللانغان تارىخ: 21.11.2019 11:17:55 0 4813

ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قايسى ھالەتتە

ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئادىلجان مۇھەممەد، ئىككى ھەپتىلىك ياۋروپاغا زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، 15- نويابىردىن 18- نويابىرغىچە گوللاندىيە ۋە گىرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ 18- نويابىر كېچە شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە ئادىلجانلار شىۋېتسىيەگە قىلغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ستوكھولم باش ئەلچىسى ۋە بىرقىسىم مۇھىم ئۇرۇنلار بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولغان بولۇپ، 20- نويابىر شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە ئاكتىپ كىشىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بۇلۇپ ھەمسۆھبەتلەشتى. ئۇچرىشىش ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم بىلەن باشلانغان بولۇپ، كېيىن شىۋېتسىيەگە ئەڭ بۇرۇن كەلگەن يۇرت ئاقساقاللىرى شۇنداقلا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىەت مەرىكىزىنىڭ مەسئۇلى فارۇق سادۇق ئاكا، شىۋېتسىيەگە كېلىش تارىخى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقا قىلىپ ئاڭلاتتى. ئارقىدىن ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ۋە ئىقامەت ئىشلىرى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق چۈشەندۈردى. ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخاننىڭ سۆزىدىن كېيىن مېھمانلار ئۆز- ئارا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى، داۋاغا بولغان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىزدىنىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە سوئال- جاۋاب شەكىلدە سۆھبەتلەشتى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش