ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 20.11.2019 07:02:53 يوللانغان تارىخ: 20.11.2019 07:02:53 0 8017

ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى

ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى باش ئەلچىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىش سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى 15-16- نويابىر كۈنلىرى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان كېچىلىك» نامىدىكى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى تۈگۈتۈپ 18- نويابىر سەيشەنبە كۈنى كەچ شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 19- نويابىر كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانى ياردەم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. بىر سائەت داۋاملاشقان مەزكۇر زىيارەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىز بىلەن بىرگە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى ۋە يېقىندا قۇرۇلغان «كۆك ئاي» يەنى (ماۋى ھىلال) ئىنسانى ياردەم جەمئىيىتىنى تۇنۇشتۇردى. ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە، بۈگۈن يەنى 20- نويابىر چارشەنبە كۈنى، تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن 12:00 گىچە داۋاملاشتى. تۈركىيەنىڭ ستوكھولم باش ئەلچىسى ئەمرە يۈنت ئەپەندى بىلەن مۇشاۋىر بىرلىكتە، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالدى. بۇ بىر سائەتلىك ئۇچرىشىشتا، ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى باش ئەلچىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىش سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتتى. باش ئەلچى يۈنت ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش