شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرىي ئانا تىلى مەكتىپى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.11.2019 11:53:17 يوللانغان تارىخ: 09.11.2019 11:53:17 0 4766

شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرىي ئانا تىلى مەكتىپى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى

زۇلھايات خانىم سوئال سورىغاندا، بالىلار بەس- بەس بىلەن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتۈرۈشۈپ پائالىيەتنى قىزغىن جانلاندۇردى.

شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرىي ئانا تىلى مەكتىپى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىخىدا، يەنى 1933- ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيەدىكى مەھمۇد كاشىغەرىي ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى، 09- نويابىر شەنبە كۈنى، 1933- يىلى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەلۇم بولغاندەك شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرىي ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر شەنبە كۈنى تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق دەرسلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەزكۇر ئانا تىل مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى دەرسنىڭ ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا، ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى، بايراق ۋە دۆلەت گىرىبى ، دۆلەت مارشى قاتارلىقلار چۈشەندۈرۈلدى. جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن راھىلە خانىم بالىلارغا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. خانىم لېكسىيەسىدە، 1933- يىلى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆپ بايراقنىڭ رەڭگى، ئاي ۋە يۇلتۇزنىڭ سىمۋۇللۇقى، دۆلەت گېربىنىڭ مەنىلىرىنى قىسقا قىلىپ بالىلارغا خاس قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. راھىلە خانىم لېكسىيەسىدە، مەمتېلى ئەپەندى (تەۋپىق ) نىڭ يازغان شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى چۈشەندۈردى ۋە ھەممەيلەن بىرلىكتە دۆلەت مارشىنى ئوقۇدى. راھىلە خانىمنىڭ لېكسىيەسىدىن كېيىن، مەكتەبنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن زۇلھايات خانىم، بالىلاردىن زېھنى سىناش ئېلىپ باردى. سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ پائالىيەتكە ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇردى. زۇلھايات خانىم سوئال سورىغاندا، بالىلار بەس- بەس بىلەن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتۈرۈشۈپ پائالىيەتنى قىزغىن جانلاندۇردى. كېيىن پائالىيەتكە ئاتاپ پىشۇرۇلغان تورتلاردىن ئېغىز تېگىپ قايتتى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش