كېلەر يىلى باشلاپ شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈش قىيىنلىشىدۇ | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 02.11.2019 11:47:20 يوللانغان تارىخ: 02.11.2019 11:47:20 0 1367

كېلەر يىلى باشلاپ شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈش قىيىنلىشىدۇ

مەزكۇر قانۇن 2020- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس

كېلەر يىلى باشلاپ شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈش قىيىنلىشىدۇ شىۋېتسىيە كۈنتەرتىپى تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتمەكچى بولغانلار كېلەر يىلى باشلاپ قىيىنلىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېلەر يىلى باشلاپ شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتمەكچى بولغانلاردىن ئالدى بىلەن تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە قاتارلىقلاردىن ئىنتىھان ئېلىنىدىغانلىقىنى، يۇقارقى تۈرلەردىن ئېلىنغان ئىنتىھانلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بۇلۇشىچە، شىۋېتسىيەدىكى ھۆكۈمەت تۇتۇۋاتقان سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى، مەركەز پارتىيىسى، ئوتتۇراھال پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيەلەر شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى خالىغانلارنىڭ يۇقارقى ئىنتىھانلاردىن ئۆتۈشى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن ئىكەن. خەۋەردە يەنە، مەزكۇر قانۇن 2020- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلىدىغانلار ئالدى بىلەن شىۋېت تىلىنى بىلىشى بىلەن بىرگە، تارىخ ۋە جۇغراپىيەنىمۇ بىلىشى شەرت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شىۋېتسىيەدە كۆچمەنلەرنىڭ شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ئىقامەت بىلەن ياشاپ «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە» 4 يىلدىن كېيىن، ئەگەر «كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە 7 يىل» دىن كېيىن. ئىنسانى ئىقامەت بىلەن ياشىغان بولسا «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە» 5 يىلدىن كېيىن، ئەگەر «كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە» 8 يىلدىن كېيىن. ناۋادا ئەر ياكى ئايالىدىن بىرى شىۋېتسىيە گىراژدانى بولسا ئىككىنچى بىرى 3 يىلدىن كېيىن شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس سۇنسا بولاتتى. لېكىن ئىلگىرى شىۋېتسىيە گىراژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىنتىھان ئېلىنمايتتى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش