23 دۆلەت خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇردى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 31.10.2019 05:02:33 يوللانغان تارىخ: 31.10.2019 05:02:33 0 1297

23 دۆلەت خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇردى

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت، خىتاينىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قوللىغان خىتايپەرەس 54 دۆلەتكە قارشى ھەق تەرەپتە تۇردى.

23 دۆلەت خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇردى تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، ئاممىباب تۇتقۇن قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، مىڭە يۇيۇش، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىنى يوقىتىش جىنايەتلىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلغان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت، خىتاينىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قوللىغان خىتايپەرەس 54 دۆلەتكە قارشى ھەق تەرەپتە تۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشچىلىقىدا 23 دۆلەت، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلى رايۇندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاممىباب تۇتقۇن قىلىش، دىنىي، مەدەنىيىتىنى ۋە كۈلتۈرىنى يوقىتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا شىددەت بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا، ئىنسان ھەقلىرى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش