شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا خىتايغا قارشى قارار ماقۇللاش دوكىلاتى سۇنۇلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 30.10.2019 10:27:48 يوللانغان تارىخ: 30.10.2019 10:27:48 0 1630

شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا خىتايغا قارشى قارار ماقۇللاش دوكىلاتى سۇنۇلدى

خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى ۋە ئۇيغۇر، قازاق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازا

شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا خىتايغا قارشى قارار ماقۇللاش دوكىلاتى سۇنۇلدى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرقانچە ئايدىن بېرى شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى يوقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، سىياسەتچىدىن ئاكادېمىكلارغىچە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، پارلامېن ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، سىياسىيۇنلار ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش، ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ييىغىن ۋە كونفرانىسلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا لاگېر توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى يوقرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى بولغان، شۇنداقلا ھازىرقى ھۆكۈمەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى سەركان كۆسە بىلەن، پارلامېنت ئەزاسى توماس ھامماربېرگ بىرلىكتە شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى، شۇنداقلا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى قارار ماقۇللاش توغرىسىدا دوكلات سۇنغان. پارلامېنت سەركان كۆسە ئەپەندى بىلەن توماس ھامماربېرگ ئەپەندىلەرنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا سۇنغان قارار ماقۇللاش مەسلىھەت دوكىلاتىدا، ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى ۋە ئۇيغۇر، قازاق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان ھەرخىل تەھدىتلىرى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا سۆزلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئامنەستىي ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، غەرىبتىكى 23 دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئىمزا ئېتىپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» ئەمەس بەلكى تۈرمە ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە بۇنىڭغا قارىتا قارار ماقۇللاش توغرىسىدا مەسلىھەت دوكىلاتى سۇنغان. مەلۇم بۇلۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالدىمىزىكى ئايدا يەنى 12-13- دېكابىر كۈنلىرى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا، شىۋېتسىيەدىكى 7 پارتىيەنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتىدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2019- يىلى 17- دېكابىر شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قارار ماقۇللىنىدىكەن.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش