شىمالىي ياۋروپا ئەركىنلىك يۈرۈشى شىۋېتسىيىدە باشلاندى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.04.2019 10:32:43 يوللانغان تارىخ: 28.04.2019 10:32:43 0 1733

شىمالىي ياۋروپا ئەركىنلىك يۈرۈشى شىۋېتسىيىدە باشلاندى

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، (قاتىل خىتاي، تېررورىست خىتاي، فاشىست خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق، لاگېر تاقالسۇن، فاشىست شى جىنپىڭ)

شىمالىي ياۋروپا ئەركىنلىك يۈرۈشى شىۋېتسىيىدە باشلاندى ياۋروپانىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان سكاندىناۋىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرغان ئۆلۈم لاگېرىغا قارشى، «مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بول» نامىدا سكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نامايىش 2019- يىلى 28- ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا باشلاندى. مەزكۇر نامايىشقا ستوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خەلقئارا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى، شىۋېتسىيە ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 300 ئەتىراپىدا كىشىلەر قاتناشتى. مەزكۇر نامايىشنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىش ستوكھولمنىڭ «Humlegården» باغچىسىدا باشلانغان بولۇپ، نامايىش شىۋېتسىيىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى ئېچىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، كېيىن نامايىشچىلار ھەر- بىر قۇرغا تۆت كىشىدىن رەتلىك تىزىلىپ ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىكنى تەرتىپىگە ماسلىشىپ، شىۋېتسىيىنىڭ داڭلىق قەھرىمانى «Raoul Wallenberg» مەيدانىغان باردى. نامايىشچىلار قوللىرىغا شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، (قاتىل خىتاي، تېررورىست خىتاي، فاشىست خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق، لاگېر تاقالسۇن، فاشىست شى جىنپىڭ) دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى. نامايىش بولغان كۈن گەرچە دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلسىمۇ، سالقىن ھاۋادا كوچىغا چىققان يەرلىكلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلغان بولۇپ، نامايىشچىلارنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر تېلېفۇنلىرى ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرى بىلەن رەسىمگە ۋە سىنلارغا ئېلىشتى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش