شىۋېتسىيىدە بارىن شېھىدلىرىنى ئەسلەش ۋە لاگېر توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 06.04.2019 11:11:14 يوللانغان تارىخ: 06.04.2019 11:11:14 0 4835

شىۋېتسىيىدە بارىن شېھىدلىرىنى ئەسلەش ۋە لاگېر توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە 300 ئەتراپىدا پىدائىيلار قاتناشقانلىقىنى، گەرچە ئۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەرىكەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ شېھىدلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى

شىۋېتسىيىدە بارىن شېھىدلىرىنى ئەسلەش ۋە لاگېر توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى بۇندىن 29 يىل بۇرۇن، يەنى 1990- يىلى 05- ئاپرىل بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 29- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيىدە بارىن ۋەقەسى ۋە شەھىدلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىم شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ مۇراسىمغا ستوكھولمدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي ئالىملاردىن ئابدۇلكېرىم ئەپەندى بارىن ۋەقەسى ھەققىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئابدۇلكېرىم ئەپەندى، بۇندىن 29 يىل بۇرۇن شېھىدىمىز زەيىندىن يۈسۈپنىڭ باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپ پىداكارلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى ھەرىكەت پىلان تۈزىگەن بولۇپ، ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى سەۋەبلىك ھەرىكەتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن بۇرۇن باشلىغان بولسىمۇ، تۇيۇقسىز باشلانغان شۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە 300 ئەتراپىدا پىدائىيلار قاتناشقانلىقىنى، گەرچە ئۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەرىكەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ شېھىدلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە خەلقىمىزگە ئۈمىد بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئۆلۈم لاگېرىدا 8 ئاي يېتىپ چىقىپ كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن لاگېرنىڭ تىرىك شاھىدى ئۆمەر بىكئالى ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى ئۆلۈم لاگېرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتتى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش