4- دۇنيا ئەللىرى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.04.2019 01:46:37 يوللانغان تارىخ: 05.04.2019 01:46:37 0 4369

4- دۇنيا ئەللىرى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

نىجات تۇرغۇن، ئۇيغۇر تارىخىدا مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، سابىت داموللام قاتارلىق ئالىملارنىڭ چىققانلىقىنى

4- دۇنيا ئەللىرى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى شىۋېتسىيە 4- دۇنيا ئەللىرى تەشكىلاتى 2019- يىلى 04- ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 18:00 دىن 20:00 گىچە، ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا تەشكىلاتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن نىجات تۇرغۇن تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، نىجات تۇرغۇن تەكلىپكە بىنائەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. نىجات تۇرغۇن، ئۇيغۇر تارىخىدا مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، سابىت داموللام قاتارلىق ئالىملارنىڭ چىققانلىقىنى، ھازىرقى زاماندىمۇ ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ چىققانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى بىر- بىرلەپ يوقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخى بۇزغۇنچىلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىنى يوقىتىپ خىتايلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەكتەپ ۋە يەسلىيلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇپ يوقىتىش ئۈچۈن قارا- قويۇق تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگېرىغا قاماپ ھەرخىل قىيىن قىستاقلار بىلەن نۇرغۇن بىگۇناھ خەلقنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى. نىجات تۇرغۇننىڭ سۆزىدىن كېيىن خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن ھايات قۇتۇلغان تىرىك شاھىت ئۆمەر بىكئالى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، سۆزىنى باشلىغان بىكئالى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەر ئون يىلدا بىر پىلان بىلەن سىياسەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر جازا لاگېرىنى 2013- يىلى باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن باشلىغانلىقىنى، كېيىن ھەپتىلىك، ئايلىق يىغىۋالغانلىقىنى، ئاخىرقى ۋاقىتتا بىراقلا قامىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان ئۆمەر بىكئالى، ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولۇشىمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى، ئۇنى تۇتقان ساقچىلارنىڭ قولىدا ئۆزىگە ئالاقىدار ھېچقانداق بىر ماتېرىيال بولماستىن تۇيۇقسىز بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ قولىغا ئىشكەل سېلىپ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرغان دېگەندەك بۆھتانلارنى ئارتىپ ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرىلانغانلىقىنى، جازا لاگېردا بولسا 17 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەرگە 7 كىلو ئېغىرلىقىدىكى زەنجىر بىلەن كىشەنلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئاياللارغا سېلىنغان زەنجىرنىڭ ئېغىرلىقى 5 كىلو ئەتراپىدا ئېغىرلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ '' بىر يول بىر بەلۋاغ'' پىلان لايىھىسىدە ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇ رايوندا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ مىسالى خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان قازاقلارنىڭ ئازات بۇلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان قازاقىستاندىكى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان (ئاتا يۇرت) تەشكىلاتىنى پائالىيەتتىن توسۇش ئۈچۈن قازاقىستانغا بېسىم قىلىپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى سېرىكجاننى قازاقىستان ساقچىلىرىغا تۇتقۇزۇۋەتتى، دېدى. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى جازا لاگېرىدىكى كىشىلەرگە ھەر قېتىملىق تاماق يېيىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭنى مەدھىيىلەپ، رەخمەت ئېيتىپ دۇئا قىلىشقا مەجبۇرىلىنىدىغانلىقىنى، ھە جۈمە كۈنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، ھەركۈنى 16 سائەت مىدىرىماي تامغا قاراپ ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىنى، بۇ جەريانىدا بىرخىل شاۋقۇنلۇق ئاۋازنى قويۇپ بېرىپ نېرۋىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، نامەلۇم ئىككى خىل دورا يېگۈزىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇ دورىنى يېگەندە ئىككى قېتىم ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش