ئۆمەر بىكئالى شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty international) دا گۇۋاھلىق بەرى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.04.2019 06:57:20 يوللانغان تارىخ: 04.04.2019 06:45:30 0 4715

ئۆمەر بىكئالى شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty international) دا گۇۋاھلىق بەرى

خىتاي ئىشغالچىلىرى مەزكۇر ئۆلۈم لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قىيناش جەريانىدا يالىڭاچلاپ قاتتىق سىمىنۇت يەرگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە سوغۇق سۇ چېچىپ قىيناش

ئۆمەر بىكئالى شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty international) دا گۇۋاھلىق بەرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى (ئۆلۈم لاگېرى) دىن ھايات چىققان تىرىك شاھىت ئۆمەر بىكئالى، شىۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا 04- ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty international) نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ مەركىزىدە، خىتاينىڭ ئۆلۈم لاگېردا ياتقان 8 ئايلىق ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئاڭلاتتى. ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ئامى ھېدېنبورگ بىلەن ئاندرېئا بودېكۈل لار، ئۆمەر بىكئالى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئەتلىرىنى 04- ئاپرىل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دىن 14:00 گىچە، شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty international) نىڭ ستوكھولمدىكى مەركىزىدە كۈتىۋالدى. ئۆمەر بىكئالى ئەپەندى، 2016- يىلى مارت ئېيىدا قازاقىستاندىن ئاتان- ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغىنىدا، تۇيۇقسىز بەش نەپەر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن قولىغا ئىشكەل سېلىپ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، تۇتۇلغاندىن كېيىن گۇناھسىز ھالەتتە 8 ئايلىق ھاياتىنى شۇ ئۆلۈم لاگېرىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى، لاگېر ھاياتىدا خىتاينىڭ ئۆزىگە سالغان زۇلۇمى، قىيىن قىستاقلىرى، ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق داۋاملاشتۇردى. ئۆمەر ئەپەندى، تۇتۇلۇپ تۈرمىگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن سوراق قىلىنغانلىقىنى، كېيىن دوختۇرغا ئاپىرىلىپ ئۇنىڭدىن قان ئەۋرىشكىسى ئالغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى ئەزالىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن تەشكۈرۈلۈشلەردىن كېيىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆلۈم لاگېرىغا ئاپىرىلىپ پۇت قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ئىشغالچىلىرى مەزكۇر ئۆلۈم لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قىيناش جەريانىدا يالىڭاچلاپ قاتتىق سىمىنۇت يەرگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە سوغۇق سۇ چېچىپ قىيناش، جىنسى ئەزاسىغا سىمدەك بىر نەرسىنى تىقىپ قىينايدىغانلىقىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر كۈنى 16 سائەت مىدىرىماي ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىن، ئولتۇرۇش جەريانىدا بىرخىل شاۋقۇن ئاۋاز قويۇپ بېرىپ نېرۋىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى خىل نامەلۇم دورا بېرىدىغانلىقىنى، ئۇ دورىنى يېگەندە ئۆزىنىڭمۇ ئىككى قېتىم ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. بىكئالى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۆلۈم لاگېرىدىكىلەرنىڭ بىر ۋاق تامىقى ئۈچۈن كىچىك بىر ھورنان بېرىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا مەجبۇرىي ئۈچ خىل خىتايچە ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى، تاماقتىن بۇرۇن (شى جىنپىڭغا رەخمەت، شى شىنپىڭ ئۇزۇن يىل ياشىسۇن) دېگەندەك دۇئا قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 16 كۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيگە 50، 60 ئادەمنى سولايدىغانلىقىنى، ئۆزى ياتقان كامېردىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى، ھەركۈنى 3، 4 ئادەم ئېلىپ كېتىلىپ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئورنىغا باشقا ئادەملەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش