ئۆمەر بىكئالى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.04.2019 02:23:04 يوللانغان تارىخ: 04.04.2019 01:56:31 0 4958

ئۆمەر بىكئالى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى

ئۆمەر بىكئالى، سىمۋول شەكىلدە پۇت قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ جازا لاگېرىدا ياتقان 8 ئاي جەريانىدا تارتقان ئەزىيەتلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن چۈشەندۈردى

ئۆمەر بىكئالى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېردا يېتىپ چىققان تىرىك شاھىتلاردىن ئۆمەر بىكئالى ئەپەندى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلگەن بەگ ئالى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتتى. مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 2019- يىلى 04- ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىپ 09:00 دا ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى يانىنا خانىم، شىۋېتسىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسەت مەسئۇلى توماس ھامماربېرگ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە مەسئۇلى مونس مولاندېر ئەپەندى ۋە بىرقىسىم مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە مەسئۇلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى بىلەن جازا لاگېرىغا قامالغان كىشىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. كېيىن جازا لاگېرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۆمەر ئەپەندى، سىمۋول شەكىلدە پۇت قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ جازا لاگېرىدا ياتقان 8 ئاي جەريانىدا تارتقان ئەزىيەتلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن چۈشەندۈردى. ئۆمەر بىكئالى ئەپەندى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدىمۇ جازا لاگېرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. گۇۋاھلىقتىن كېيىن ئۆز- ئارا مۇھىم سۆھبەتلەردە بۇلۇندى. ئۆمەر بىكئالى ئەپەندىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ تۇنجى پائالىيىتىنى 03- ئاپرىل چارشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيە سول پارتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ جازا لاگېرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئىگىلىنىشچە، ئۆمەر بىكئالى ئەپەندى شىۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا شىۋېتسىيە دۆلىتىنىڭ بىرقىسىم مۇھىم ئورۇنلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش