شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلارغا كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 19.03.2019 13:04:24 يوللانغان تارىخ: 19.03.2019 13:04:24 0 3050

شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلارغا كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

‏ شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلارغا كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى (Migrationsverket) نىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تور بېتىدە، ئۇيغۇرلارغا كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى مەزكۇر باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، شىۋېتسىيەگە بېرىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بېرىلىدىكەن. سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىكلەرگە قارىتا چەكلىمىلەرنىڭ دائىرىسى شۇنچىلىك كېڭىيىپ كەتكەنكى، رايونىدا ئىسلام دىنى ئەمەلىيەتتە مەنئىي قىلىنغان.» ئىگىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەھمەد تۇرسۇن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىۋېتسىيەنىڭ بۇ قارارىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، باشقا غەرب ئەللىرىدىنمۇ شۇنداق قارار چىقىرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش