شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرىنى ئاشكارىلاش رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.03.2019 11:17:41 يوللانغان تارىخ: 16.03.2019 11:17:41 0 6331

شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرىنى ئاشكارىلاش رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا شىۋېدسىيىلىك ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، شىۋېدسىيىنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، داڭلىق ئادۋوكات ستېن ئەپەندى،

شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرىنى ئاشكارىلاش رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ ئىشچىلار تەلىم تەربىيە (ABF) بىناسىدا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزى ( جازا لاگېرى ) لىرىنى پاش قىلىش رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر كۆرگەزمە پائالىيىتىنى بىر ئاۋاز بىر قەدەم گۇرۇپپىسىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھەمكارلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت 2019- يىلى 16- مارت شەنبە كۈنى، شىۋېتسىيە ۋاقتى 12:00 دىن 16:00 گىچە داۋاملاشتى. مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا شىۋېدسىيىلىك ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، شىۋېدسىيىنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، داڭلىق ئادۋوكات ستېن ئەپەندى، بىر قىسىم سىياسەتچىلەر، شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك ۋە ئەزەربەيجان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ستوكھولمدا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى. مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن نىجات تۇرغۇن، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرىلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچقانلىقىنى ۋە يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى شىۋېتسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى «كەسپى تەربىيىلەش» دېگەن نام بىلەن خەلقئارانى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەرنى ئۆرنەك قىلىپ بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دوكتۇر، پروفېسسور، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق ئىلىملىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھېچقانداق كەسىپتە تەربىيىلىنىشكە ئېھتىياجى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش