خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى غۇلجىنىڭ چاپچالدىن 433 ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.03.2019 14:49:10 يوللانغان تارىخ: 05.03.2019 14:49:10 0 3093

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى غۇلجىنىڭ چاپچالدىن 433 ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن

ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاتالمىش ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى زاۋۇت كارىخانىلىرىغا يۆتكەشنى ئىزچىل

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى غۇلجىنىڭ چاپچالدىن 433 ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى تەلتۈكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئۇ يەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاستا خارەكتىرلىك دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاتالمىش ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى زاۋۇت كارىخانىلىرىغا يۆتكەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. تۈركىستان پرېس تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىن 433 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە: خىتاينىڭ جېجىياڭ ۋىلايىتىنىڭ سۈينىڭ ناھىيىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خادىملىرىدىن ياڭ شۈئېلىيان ئىسىملىك خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ۋىلايىتىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدىن 433 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى سۈينىڭدىكى بىر شىركەتكە، تۆۋەن مائاشلىق ئىشچى سۈپىتىدە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش