ۋەتەندىكى جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلىش رەسىم كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇچۇرلار

يېڭىلانغان تارىخ: 04.03.2019 13:54:19 يوللانغان تارىخ: 04.03.2019 13:52:42 0 5968

ۋەتەندىكى جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلىش رەسىم كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ

كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملار ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو - سۈرەتلەر ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم

ۋەتەندىكى جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلىش رەسىم كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتى: ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ گۈزەل سالاملىرى بولسۇن. ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 16-مارت شەنبە كۈنى، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» گۇرۇپپىسى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى دۇنياۋى پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۆتكۈزمەكچى بولغان پائالىيەت، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاشكارىلاش فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى» بولۇپ. بۇ پائالىيەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر ۋە پىداكار خانىملار ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئۆتكۈزمەكچى. «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نىڭ شىۋېتسىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملار ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو - سۈرەتلەر ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە ئوبرازلىق قىلىپ ئاڭلىتىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە، فوتو-سۈرەتلەر، تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە ئۇقتۇرۇشلار ھەممە دۆلەتلەردە بىر تۇتاش مەزمۇندا ۋە شەكىلدە بولۇپ، بۇلارنى ئۆلچەملىك ۋە سۈپەتلىك بېسىپ چىقىرىش ، كۆرگەزمە ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن يۇرتداشلارنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملىرىنى ئايىماسلىقىنى، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى يالغۇز قويماسلىقىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ھەممىڭلارغا رەھمەت. بۇ پائالىيەتنى ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلار قاتارىدا كۆرۈپ، پائالىيەت ئۇقتۇرىشىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ۋە پائالىيەتكە كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئورنى: ستوكھولمدىكى ABF بىناسى Sveavägen 41, Stockholm ۋاقتى: 2019- يىلى 16- مارت شەنبە كۈنى، سائەت 12:00- 16:00 گىچە. ھۆرمەت بىلەن: شىۋېتسىيە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش