شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.03.2019 00:13:34 يوللانغان تارىخ: 04.03.2019 00:13:34 0 6370

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى

ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق تەخمىنەن 3 مىليوندىن كۆپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى سولاپ، ئاتالمىش تەربىيىلەش نامىدا جازالاپ كەلمەكتە

‏ شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) دىن ئىبارەت ۋەھىيمىلىك جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇ لاگىرلاردا سادىر بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئۆلۈم يېتىم سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان ھەرخىل ئېغىر پاجىئەلەر ھەققىدە پىكىر قىلىپ كەلگەن ئىدى. 03-مارت يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 19:30 دە، «شىۋېتسىيە دۆلەت تىلىۋىزىيە ئىستانىسسى» (SVT)، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۇركىستاندىكى ئورۇق تۇققانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئۇيۇشتۇردى. پىروگرامما رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يىڭى مەسئۇلى ئادەم غالىپ ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان، ھەمدە زىيارىتىنى ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنى (خەلق ئاپتۇبۇسى) غىچە داۋاملاشتۇرغان. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادەم غالىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرىغا قامالغان ئاتا ئانىسى ھەققىدە بەرگەن. مەزكور تىلىۋىزىيە ئىستانىسسى پىروگراممىنىڭ داۋامىنى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغا بولۇپ، رىياسەتچى نوقتۇلۇق ھالدا ئۇيۇشمىنىڭ سابىق مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئائىلىسى ۋە ئەخمەت تۇرسۇن ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى· جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار، رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانام ۋە ئون بىر نەپەر بىر تۇققان قېرىنداشلىرىم بىلەن تېلىپۇن بىلەن بولسىمۇ ئەھۋال سورىشالمىغىلى توپ توغرا تۆت يىلدىن ئاشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ۋاقتىدىلا كەنتتە دەرىجىلىك لاگىرلاردا ئىدى. ھازىر ئۇلار ھاياتمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن. گېتلىر گىرمانىيسى يەھۇدىيلارنى سولىغان لاگىرلار تاقالغاندا خەلقئارا (ئەمدى بۇنداق لاگىر دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە قايتا ئېچىلمايدۇ، ئەسلا يول قويمايمىز) دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، 2017- يىلى بۇ لاگىر شەرقىي تۈركىستاندا قايتا ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبەت جەريانىدا يەنە: جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئەخمەد تۇرسۇن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئورۇق- تۇغقانلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق تەخمىنەن 3 مىليوندىن كۆپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى سولاپ، ئاتالمىش تەربىيىلەش نامىدا جازالاپ كەلمەكتە.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش