تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن خىتايغا يەنە بىر زەربە | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 25.02.2019 07:52:21 يوللانغان تارىخ: 25.02.2019 07:49:10 0 7779

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن خىتايغا يەنە بىر زەربە

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن خىتايغا يەنە بىر زەربە ئىنسان ھەقلىرى 40- قېتىملىق يېغىلىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئولتۇرىشىدا، تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. ‏ تۈركىيە خەۋەر 7 نىڭ خەۋىرىگە كۆرە: تۈركىيە تاشقى ئىشلام مىنىستېرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ، ئىنسان ھەقلىرى 40- قېتىملىق يوقىرى دەرىجىلىكلەر ئولتۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ سۆز قىلىپ، ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى سىياسەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەرلەرگە كۆرە: تۈركىيە تاشقى ئىشلام مىنىستېرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ، خىتاينىڭ تېررورغا قارشى ھەرىكىتىدە گۇناھسىز ئىنسانلار بىلەن تېررورىستلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. چاۋۇش ئوغلۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ تامامەن قوغدىلىشى، ئۇلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىپ شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش