تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 25.02.2019 03:18:46 يوللانغان تارىخ: 25.02.2019 03:18:46 0 4253

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن تۈرك بايرىقى كۆتۈرۈپ، (ھەق- ھۇق ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆررىيەت)

‏تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارنى تەل تۆكۈس يوقىتىشنى ئاساس قىلغان رەزىل سىياسەتلىرىگە قارشى، 2019- يىلى 23- فېۋرال شەنبە كۈنى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تۈرك خەلقى بۇلۇپ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشىلەر، ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا توپلىنىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىكەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن تۈرك بايرىقى كۆتۈرۈپ، (ھەق- ھۇق ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆررىيەت) دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى. نامايىش جەريانىدا نامايىشقا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان ئاتالمىش (تەربىيىلەش) جازا لاگېرىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى قاراقويۇق تۇتقۇن قىلىپ مىڭە يۇيۇش، قاتتىق قىيناش ئارقىلىق نۇرغۇنچىغان ئۇيغۇرلارنى شېھىت قىلغانلىقى، ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقىتىپ نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى تەرىوىدىن بايانات ئېلان قىلىشى بىلەن ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقا فىلىم تارقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئورۇنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش