ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 24.02.2019 03:28:48 يوللانغان تارىخ: 24.02.2019 03:28:48 0 4084

ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

بىر خىتاي ئوقۇغۇچى سۆز تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان، ئاخبارات ئەركىنلىكى بار

‏ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى شىۋېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنىۋېرستىتلىرىدىن ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ئاڭلىتىلدى. تۈنۈگۈن يەنى 2019- يىلى 18- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە شەكىلدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇنازىرىگە خىتاي دېموكراتچىلىرى، فالۇڭگۇڭ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بولۇپ تۆت نەپەر كىشى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپكە بىنائەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن نىجات تۇرغۇن قاتناشتى. مەزكۇر يىغىنغا شىۋېد ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى. يىغىندا نۆۋەت بويىچە سۆز بېرىلگەن بولۇپ، سۆز قىلغانلار قىسقىچە قىلىپ ئۆ خەلقىنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سوئال سورىغۇچىلار ئارىسىدا بىر خىتاي ئوقۇغۇچى سۆز تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان، ئاخبارات ئەركىنلىكى بار دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ خىتاينى ماختىشى بىلەن، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى. شۇ ئەسنادا ئۇ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ گىپىگە رەددىيە بەرگەن نىجات، خىتايدا راستىنلا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردە بۇلۇنغان ئىشلار ئاخباراتتىن يۇشۇرۇلىدۇ؟ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا قامىدى. نامدا تەربىيىلەش مەزكىرى دەيدۇ، ئەمما ئۇ يەرگە قامالغانلار دوكتۇر، مۇئەللىم، ئاكادېمىي قاتارلىقلارمۇ سولانماقتا، ئۇ يەرگە قامالغانلارنىڭ ھەممىسى تېررورىست، ھەممىسى رادىكال بولامدۇ؟ بۇ قانداق ئەركىنلىك دەپ جاۋاب بەردى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش