‏شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياردەم فوند جەمئىيىتى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 24.02.2019 03:26:04 يوللانغان تارىخ: 24.02.2019 03:26:04 0 4120

‏شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياردەم فوند جەمئىيىتى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدى

فارۇخ سادۇق ئاكا، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغان تارىخى ۋە قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى ۋە قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى

‏شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياردەم فوند جەمئىيىتى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدى شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىرقىسىم پىداكارلارنىڭ تەلەپ پىكىرى بىلەن 2017- يىلى 17- دېكابىر كۈنى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا (ئۇيغۇر ياردەم فوندى) نامىدا ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، شىۋېتسىيىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرلىرى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان ئىدى. بۈگۈن 2019- يىلى 10- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە، مەزكۇر جەمئىيەت يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىن جەمئىيەت مەسئۇلى فارۇخ سادۇق ئاكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن فارۇخ سادۇق ئاكا، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغان تارىخى ۋە قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى ۋە قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. فارۇخ ئاكا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر فوندىغا ياردەم قىلىشنىڭ يوللىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى. ياردەم قىلىش ئۈچۈن شەخىسلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ھېساۋاتىدىن ئاپتوماتىك تۆلەش، شەخىسلەر بانكا ھېساۋاتىدىن ئۆزلىرى تۆلەش، تېلېفۇن (سىۋىش) ئارقىلىق، نەق تۆلەش ئارقىلىق ئايلىق ۋە يىللىق تۆلەشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىنى رەتكە سالدى.
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش