زۆرۈر بولغاندا خىتايغىمۇ «ياق!» دېيەلەيدىغان بىر تۈركىيەنى ئارزۇ قىلىمەن | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 27.12.2018 07:45:21 يوللانغان تارىخ: 26.12.2018 16:50:31 0 8094

زۆرۈر بولغاندا خىتايغىمۇ «ياق!» دېيەلەيدىغان بىر تۈركىيەنى ئارزۇ قىلىمەن

«ياق» دېگەن سۆز، تارىختىن بېرى كۈچتۈڭگۈرلەر ئاڭلاشتىن بىئارام بولىدىغان ۋە ئاڭلاشقا ئادەتلەنمىگەن، بىراق ئاجىزلارنىڭ ۋە تەسلىمكەشلەرنىڭ

زۆرۈر بولغاندا خىتايغىمۇ «ياق!» دېيەلەيدىغان بىر تۈركىيەنى ئارزۇ قىلىمەن يازغۇچى ۋە تەرجىمە قىلغۇچى: مىركامىل كاشغەرىي (بۇ ماقالە تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق سىياسەت، ئىستىراتېگىيە ۋە خەۋەر ئانالىز تەتقىقات ژۇرناللىرىدىن بىرسى بولغان «خەبەر ئاجاندا ژۇرنىلى»نىڭ 2019 – يىللىق 1 – سانى ئۈچۈن تۈركچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بالدۇرراق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى توغرا تاپتىم). زۆرۈر بولغاندا خىتايغىمۇ «ياق!» دېيەلەيدىغان بىر تۈركىيەنى ئارزۇ قىلىمەن دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا قول – قانات ئاچقان، زالىمغا تېكىلىپ تۇرۇپ، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلارغا «ياق!» دېيەلىگەن تۈركىيەنىڭ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تىك تۇرۇشتەك شەرەپلىك مەۋقەسىنىڭ پۈتۈن ئۈممەت شۇنداقلا دۇنيا رەھبىرىلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەتكە ۋە قايىللىققا سازاۋەر بولغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئالدىنقى ھەپتە مالايسىيانىڭ (2 يىلدىن كېيىنكى) باش مىنىستىرى بولۇشى مۇئەييەنلەشكەن رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىم «تۈركىيە ئىسلام دۇنياسى ۋىجدانىنىڭ ساداسىدۇر» [1] دېگەن باياناتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۈممەت نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ تەرجىمانى بولدى. مېنىڭچە بۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە خىتاينى بىر - بىرىدىن پەرقلىق كۆرمىگەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوتتۇرا شەرقتە ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئەسلى نىشانى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى (يەنى بۈيۈك تۈركىستاننى) قايتىدىن لايىھىلەپ چىقىش ئۇرۇنۇشلىرىغا تۈركىيەنىڭ قاراپ ئولتۇرماستىن، يالغۇز ئىكەنلىكىگە قارىماي، ھەممىسىگە ئوخشاش نىسبەتتە «ياق!» دېيەلىگەنلىكى ھەمدە ئۆز يولىنى ئۆزى سېزىپ، «مېنىڭسىز بولمايدۇ» دېگەن ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرانە مەۋقەسى ۋە تۇتاشتۇرغان جاسارەت مەشئىلىنىڭ يانسىماسى(ئەكىس ئېتىشى) ئىدى. چۈنكى «ياق» دېيەلەش دۆلەتنىڭ غۇرۇرىنى، خەلقىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدىغانغا ئوخشاش مۇستەقىل مەيداندا تىك تۇرۇشنىڭمۇ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. «ياق» دېگەن سۆز، تارىختىن بېرى كۈچتۈڭگۈرلەر ئاڭلاشتىن بىئارام بولىدىغان ۋە ئاڭلاشقا ئادەتلەنمىگەن، بىراق ئاجىزلارنىڭ ۋە تەسلىمكەشلەرنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقى ۋە ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ كەلگەن ئۇقۇمدۇر. شۇڭا ئىككى ئەسىردىن بۇيان «خوش غوجام» چىلىققا ئادەتلەندۈرۈلگەن ئىسلام دۇنياسىدا دۇنياۋىي بۈيۈك كۈچلەر ئەھمىيەت بەرگەن مەسىلىلەردە، «ياق!» دېيەلىگەن دۆلەت ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ بېشىغا نۇرغۇن ئىشلار كەلدى ۋە ئۆز ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتساقلاپ قالالمىدى. چۈنكى «ياق!» دېيىشكە جۈرئەت قىلىش جاسارەت ۋە كىشىلىك پەزىلەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش، ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ -ئەلۋەتتە. ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، تاشقى مۇناسىۋەت دېپلوماتىيە لۇغەتلىرىدىن «ياق!» ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان، غۇرۇرى بىلەن تىك تۇرۇشنىڭ ئەمەس، مەنپەئەت ئالۋۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدا، بەس- بەستە كاپىر كۈچتۈڭگۈرلەردىن ئۆزىگە ئاكا ئىزدەش مۇسابىقىسىگە چۈشكەن، قول باغلاپ «خوش غوجام» چىلىق قىلىشنى گويا ئۆزلىرىگە پەرزى ئەيىن قىلىشىۋالغان ياكى بىر كاپىر ئاكىسى رەنجىسە، يەنە بىرىگە كۆز قىسىشنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان يېقىنلىقى بىلەن سىياسىي قىزغانچۇقلۇق قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنى سىياسىي پاراسەت ھېساپلايدىغان بولۇپ قالغان ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم، ھېچ كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە، 2009 – يىلى ئۈممەت ۋىجدانىنىڭ ياڭراق ساداسى داۋۇستا « ONE MİNUTE» دېيىش بىلەن جاراڭلىغان، شۇنداقلا «ياق» دېيەلەشنىڭ غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ئىدى. بۇ سادا يەنە شۇ يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا قارىتا «خىتاي گويا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا. مەسىلىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنىمىز»[2] دېگەن بايانات بىلەنمۇ ياڭرىغان ۋە ئەتىسى خىتايدىكى ئۇيغۇر قەتلىئامىنىڭ توختىشىغا ۋەسىلە بولۇش بىلەن بىرگە، ئىگە - چاقىسىز پۈتۈن دۇنيا مەزلۇملىرىنىڭ ئۆچكەن ئۈمۈتلىرىنى قايتىدىن ياشناتقان، «ياق» دېيەلەشنىڭ بەزىدە ھەرقانچە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەسلەشتۈرۈپ قويىدىغان تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن ئىچىدە بىر دېنامىك كۈچ يوشۇرۇنغان بولغاچقا كۈچتۈڭگەرلەرگىمۇ «خوش غوجام!» دېگۈزەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئېزىلگەنلەرگە كۆتۈرۈلگەن مۇشلارنى دەل ۋاقتىدا توسۇپ قالايدىغانلىقىنى دۇنياغا نامايەن قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۈممەتنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ئاڭلاشقا بەكلا مۇھتاج بولغان ساداسى ئىدى. ئۆز كىشەنلىرىنى تېخى يېڭىدىن سۇندۇرۇپ تاشىلغان تۈركىيەنىڭ «ياق» دېيەلەيدىغان تۈركىيەگە ئايلانغانلىقىنىڭ، جۈملىدىن «خوش غوجام!» چىلىقنىڭ قىمىرلىماس دەپ بىلىنىدىغان تاغلىرىنىڭ گۈمبۈر – گۈم يىقىلغانلىقىنىڭ ساداسى ئىدى. ئېمپېرىيالىست كۈچلەر تەرىپىدىن باشلىرى كېسىلىپ، باشسىز گەۋدىسىگە «خوش غوجام!»چى باشلار تاقاپ قويۇلغان تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا، ئۆز ئىرادىسى بىلەن «ياق» دېيەلەشنىڭ نېمىلەرنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇنبىرىدە «دۇنيا بەشتىن چوڭ» (ئەلۋەتتە بۇ بەشنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار) دەپمۇ ياڭرىغان بۇ سادا، بىز «ئوتتۇرا ئاسىيا» دەپ ئاتايدىغان بۈيۈك تۈركىستاندا 3 – دۇنيا مۇنقەرز قىلىش پىلانلىرىنى سەزدۈرمەستىن ئىشقا سېلىۋاتقان ئەڭ باشتا خىتاي، ئاندىن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق 3 مەركىزىي ئاكتىيورنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە «ئوتتۇرا ئاسىيادا توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان كۈلتۈرسىمان كۈچ، «Soft Powers» يۇمشاق كۈچ، ئوسمانلىنىڭ قايتىدىن تېرىلىشى» دەپ باھا بېرىشىگە، شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلسى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلىرىدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان ھالغا ئەكىلىپ قويۇپ، بويۇن ئەگدۈرۈشكە يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ئىپلاس نىيەتلىرى ئۈچۈن بەزىلىرى ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا تۈركىيەنىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىگە ۋە چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىلەندۈرۈشكە باشلىغان بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتى مىڭلاچە يىللىق تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، پىلى قۇرۇتى ياكى يارىدىن قان ئېمىدىغان قان قۇرۇتى (سۈلۈك) سىياسىتى يۈگۈزۈپ، «تاتلىق سۆز» (قۇرۇق ۋەدە) ۋە «يۇمشاق يېپەك» (پارا ۋە پىرسەنت ئايرىپ قويۇش) قا تايانغان ئەنئەنىۋىي نەيرەڭۋازلىقىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى. كوممۇنىست خىتاي بىر تەرەپتىن تۈركىيەدىكى 40 يىللىق بېقىندىلىرى بولغان ماۋچىلارنى، ئاتالمىش ئاتاتۈركچىلىك تونىغا ئورىنىۋالغان كوممۇنىست سولچىلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈنلا ئاجرىتىلغان مىلياردلارچە دوللارلىق خامچوتى بىلەن لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى پەردەزلاشقا يۈزلەندى. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەركەزلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن (بېيجىڭدا ھەتتا ئۆز قىزىنىمۇ خىتاي خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىيالايدىغان دەرىجىدە) ۋاپادار چوماقچىسى دوغۇ پەرىنچەك ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ماۋ پىدائىيلىرىنى تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن بوش قالغان مۇھىم ئورگان، مەنسەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى پىلانغا ئايلاندۇردى ھەمدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەشلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردى. يەنە باشقا بىر تەرەپتىن بولسا، خىتاينى تۈزۈككىنە چۈشەنمەيدىغان، تارىخىنى، پىسخىئولوگىيەسىنى، سىياسىي پوزىتسىيە شەكلىنى، ئىچكى تاشقى مەسىلىلىرىنى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىشتىن مەھرۇم يازغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا پەقەت خىتايچە بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا «خىتايشۇناش» بولۇشىۋېلىشقان خىتاي سۆيەر، "يالىڭاچ پادىشاھ"[3] بىلەرمەن خىتايشۇناشلىرىمىزنىڭ مودىدىن قالغان سوغۇق ئۇرۇش مەنتىقىسى بىلەن غەربكە قارشى شەرق لاگىرى قۇرۇپ چىقىش خىياللىرىغا چۆكۈپ كېتىشى ۋە خىتاينى ئاكا قىلىۋىلىش تەشۋىقاتىنىڭ دۇمباقچىلىقىنى قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى دۆلەت ئەربابلىرىمىزنىڭ ھەمدە سىياسىي زاتلىرىمىزنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنى خاتا تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ مەنپەئەتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالىشىغا ياردەمچى بولۇش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مەنتىقىلىق بولغان «ياق دېيىش بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ. خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز لازىم» پىكىرى كۆرۈنۈشكە تولىمۇ مەنتىقىلىق بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە تېخى يېتەرلىك تۈپ ئاساسى يارىتىلمىغان ئىدى. لېكىن تايانچ نۇقتىسى پىشىپ يېتىلمىگەن بۇ پىكىر ئالدىراپ بازارغا سېلىنىپ ۋە داۋراڭ قىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئورنىنى ختاينىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك «خوش غوجام» چىلىق سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى غۇرۇرۇلۇق ھالدا ئىلگىرىلىتىش ۋە ساغلام سىياسەتلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتنى ياخشى تونۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يارىتالمىغان (بىزدە كەمچىل بولغان) تۈپ ئاساس، خىتاينىڭ قولىدا يېتىشكەن خىتاي شاتۇتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ كاتتىلىقىغا ئىشىنىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىگە ۋە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 – چوڭ كۈچ، «Soft Powers» يۇمشاق كۈچ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە قايىل بولغان ھەمدە بۇنىڭ ھاياجانى تومۇر - تومۇرىدا ئۆركەشلەيدىغان ھەقىقي ۋەتەن سۆيەرلەردىن، قىسقىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يول - يورۇقلىرى ئاساسىدا خىتاينى مۇستەقىل تەتقىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ھەقىقىي خىتايشۇناس مۇتخەسىسلىرىمىزدىن تەشكىل تاپقان بىر «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئېنسىتىتۇتى»نىڭ تېخىچە قۇرۇلمىغانلىقىدۇر. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ئەتىنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزسە، بىز مىڭلىغان قەدەم ئارقىدا، بۈگۈننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يۈزگۈزمەكتىمىز. يۈزەكى سىياسىي تەتقىقاتلارنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە كەلگۈسى يۈز يىلدىكى مەنپەئەتلىرىمىزنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتىمىز. خىتاينى چۈشۈنۈش شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بىز خىتاينىڭ بىزنى چۈشەنگىنىنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ خىتاينى چۈشەنمەيمىز. خىتاينى چۈشۈنۈش ھەقىقەتەن تەس، يالغۇز بىزلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ قۇۋلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. مەسىلەن؛ غەرب دۇنياسى ماركوپولۇنىڭ (1254- 1324) ساياھەتنامىسى ئارقىلىق خىتاينى تونۇشقا باشلىغان. كېيىنكى يىللاردا مىسيونېرلارنىڭ خىتايغا يۈزلىنىشى نەتىجىسىدە خىتاينى، «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، بىراق ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىگە ئىگە قاتمال بىر دۆلەت» دەپ تەرىپلىگەن بولسا، خىتاينى «غەلىتە بىر دۆلەت» " Erratic State" دەپ تەرىپلىگەن سىياسەتشۇناش لۇكان پىيې، خىتاينىڭ باشقا خەلق دۆلەتلىرىگە ئوخشاش خەلقئارا جامائەتچىلىككە تەۋە ئەمەسلىكىنى ۋە بىر دۆلەتكە ئوخشاش ئىش تۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[4] ئىدى. ئاتاقلىق خىتايشۇناس چون ك فئېربانكمۇ خىتاينىڭ كۈلتۈرىزمى بىلەن باشقا دۆلەت ۋە خەلقلەردىن تۈپ ئاساستا پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان[5] ئىدى. جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلمۇ 2009 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاينى «دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ئايرىم بىر دۇنيا»[6] دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. كېلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مادېلاين ئالبىرايتنىڭ خاتىرىلىدە بولسا، «خىتاي ھەددىدىن ئارتۇق چوڭ، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. خىتاي ئىنتايىن مۇستەبىت، قۇچاقلاشقا بولمايدۇ. خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش تەس، يەنە كېلىپ ناھايىتى ھاكاۋۇر»[7] دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى. ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ تەھدىت قارىشى ۋە سىياسىي پوزىتسىيە شەكلى بىزنىڭكى بىلەن زىت قۇتۇبلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن؛ خىتاينىڭ ئاتاقلىق پەيلاسۇپلىرىدىن سۇن تىزۇ «ئۇرۇشماستىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان «ئۇرۇش سەنئىتى» ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى بۆلىمىدە، «ھەربىي ئىشلار ھېلىگەرلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. كۈچلۈك چاغدا ئاجىز كۆرۈن، تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان چاغدا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغاندەك كۆرۈن» دېگەن نەيراڭۋازلىقى ۋە ھېلىگەرلىكى بىلەن خىتاينىڭ مەفكۈرە دۇنياسىنى شەكىلەندۈرگەن بولسا، بىزنىڭ دۇرۇستلىق پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان مەفكۈرىمىزنىڭ مۇھىم مىمارلىرىدىن مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە « يا كۆرۈنگىنىڭدەك بول، يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن» دەپ تەلىم بېرىدۇ. نەتىجىدە، خىتاينى چۈشۈنۈشتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىمىز ئۇنى خۇددى ئۆزىمىزگە ئوخشاش «سۆزى بىلەن ئۆزى بىر» دەپ دۇرۇست ساناپ قىلىشتەك ساددالىقىمىزدىن مەيدانغا كەلمەكتە. شۇنىسىمۇ بىر ھەقىقەتكى، گەرچە بىز تىلغا ئېلىنماي تۇرۇپ، ھەرقانچە دۇنيا تارىخىدىن سۆز ئاچقىلى بىز نى- نى دەۋىرلەرنى يارىتىپ، نى-نى دەۋىرلەرنى ئاخىرىلاشتۇرغان ۋە كاتتا تارىخلار ياراتقان مىللەت بولساقمۇ، ئەمما يەنە تارىخ يېزىشنى بىلمەيدىغان، تارىختىن دەرس چىقارمايدىغان، ھەتتا ئۆز تارىخىمىز تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ خىتاينىڭ ساراي تارىخچىلىرىنىڭ مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىشقا مەجبۇر قالغان بىر مىللەتمىز. شۇڭا تارىختىن بېرى خىتاي تەرىپىدىن ئالدانغانچە ئالدىنىپ كەلمەكتىمىز. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ «مۆئمىن؛ بىر قېتىم يىلان چاققان كامارغا ئىككىنچى قېتىم قولىنى تىقمايدۇ»[8] دېگەن ھەدىسى – شەرىپىمۇ بۇرنىمىزنى تەرلىتەلمەيۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تاتلىق سۆزلىرى (قۇرۇق ۋەدىلىرى) مىسال سۈپىتىدە، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە تولىمۇ مەنپەئەتلىك كۆرسىتىلگەن، بىراق دائىم زىيان تارتىشىمىز بىلەن نەتىجىلەنگەن تۆۋەندىكى خاتالىقلىرىمىزنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ياخشىدەك قىلىدۇ: 1) 2001 – يىلى فېۋرالدا ۋارياگ ئاۋىياماتكىسىنى «ۋاي غوجىلىرىم، بۇنى ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتمەيمىز، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن رىستوران قىلىپ ئىشلىتىمىز» دېگەن يالغانلىرى بىلەن ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ قەستىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاڭ جىياشۈەن، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپئەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر يىلى 2 مىليون ساياھەتچى يوللاشتەك تاتلىق سۆزلىرى ئارقىلىق مىنىستىرلىرىمىزنى ئالدىيالىغان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇرالغۇسىدا ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، خىتايدىن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان مەنزىللىرىگە 180 مىليون ساياھەتچى بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل جەم، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە يۈزلىنىشى ئۈچۈن بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بەزى قەدەملەرنى تاشلاشقا دائىر قارار ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى[9]. مۇزاكىرىگە قاتناشقان تۈركىيەنىڭ يەنە بىر دېپلوماتىيە خادىمى «دەسلەپكى قەدەمدە، 180 مىليوننىڭ 10% بولسىمۇ تۈركىيەگە كەلسە، تۈركىيە ئىقتىسادىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ»[10] دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. «ھەر يىلى تۈركىيەگە 2 مىليون خىتاي ساياھەتچى كېلىدۇ» دېگەن قۇرۇق غۇلغۇلىلار شۇ باياناتتىن كېيىن گېزىتلەرنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق ۋەدىلەر بولۇپ چىقتى. 2004 – يىلى سىنتەبىر ئېيىدىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئابدۇللاھ گۈل، خىتاي مەنسەپدىشى لى جاۋشىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە خىتاي ساياھەتچىلەر مەسلىسىنى، شۇنداقلا بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق نۇمۇسنى بىلمەيدىغان خىتاينىڭ مىنىستىرى: «نوپۇسىمىز بىر مىلياردتىن ئارتۇق تۇرسا بىزنى قانداق كۈتۈۋالالايسىلەر؟» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان ۋە ئابدۇللاھ گۈل بۇنىڭغا قارىتا: «قەلبىمىزدە مېھمان قىلىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى[11]. خىتاي تەرەپنىڭ بۇ يۈزى قىلىنلىق بىلەن قايتۇرغان جاۋابى تۈركىيەدە نارازىلىققا ئۇچرىغان ئىدى[12]. 2) 2003 – يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدىمۇ يېڭى بىر ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت بولغان فىندىق (ئورمان ياڭىقى) تېمىسى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى. يەنە شۇ چاغدىمۇ "يالىڭاچ پادىشاھ" خىتاي سۆيەر، خىتايشۇناسلىرىمىز «ھەر بىر خىتاي بىر فىندىق (ئورمان ياڭىقى) يېسە...» دېيىشكىنىچە بارلىق خىتاي پۇقرالىرىغا فىندىق يىگۈزۈشنىڭ چۈشىنى كۆرىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى[13]. بىراق كاتتا بىلەرمەنلىرىمىزنىڭ مۆلچەرلىرى يەنە خاتا بولۇپ چىقتى. 3) بۇ يالغاننىڭ تەكرارى 2010 – يىلىدا يەنە گېزىتلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدە ئايلىنىشقا باشلىدى. خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرى چەن دېمىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى زەفەر چاغلايانغا فىندىقنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «گېزىتتە ئوقۇدۇم، ھەر كۈنى بىر چاڭگال فىندىق يېسە بەك ياخشى بولىدىكەن. خىتايدا 1 مىليارد 300 مىليون ئىنسان بار، ئەگەر بۇنچە ئادەم فىندىق يېيىشنى باشلىسا، ھەر ھالدا تۈركىيەدىكى فىندىقلار يەتمەي قالىدۇ»[14] دېگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكىسپورت سودىسىدا خىتاي تا ھازىرغىچە رەتنىڭ ئەڭ ئارقىدا ئۇرۇن ئېلىپ كەلمەكتە. 4) تېخى يېقىندا 2017 – يىلىدىمۇ يەنە ئوخشاش شەكىلدە زەيتىن يىغى كۈنتەرتىپلىرىمىزنى ئاۋارە قىلغان ئىدى. «خىتايلار ھەر كۈنى بىر قوشۇق زەيتىن يىغى ئىشلەتسە، دۇنيادا زەيتىن يىغى قالمايدۇ»[15] سەرلەۋھىلىك خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى. بىراق نەتىجە يەنە ئوخشاش بولدى. تۈركىيەدە نە زەيتىن يىغى، نە فىندىق، نە مېھمانخانا ياتاقلىرى يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈنمىدى. 4) 2016 – يىلىدىمۇ خىتاي تۈركىيەگە كۈتۈلمىگەن بىر خۇشامەتنى قىلدى. تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە كۇلۇبىنىڭ 2017 – يىللىق باشلىقلىق ۋەزىپىسگە تەيىنلىدى[16]. بىزنىڭ يەنە ھېلىقى "يالىڭاچ پادىشاھ" خىتايشۇناس قەلەمكەشلىرىمىز بۇ ئىشنى ماختاپ ئاسمان - زىمىنغا پاتقۇزالماي قىلىشتى. بۇ ئېنىرگىيە كۇلۇبى ئەسلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بېرى بىكار تۇرغان، ھىچقانداق ئەمىلى رولى يوق بولۇپ،«ئىسمى بار،جىسمى» يوق قۇرۇق كۇلۇب ئىدى. خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق 2015-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان باشقۇرۇلغان بومبا كېلىشىمىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ۋە ھىچبىر يەردە سىناق قىلىنىپ باقمىغان بومبىسى بىلەن تۈركىيەنى يەنە بىر قېتىم ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىمۇ ئوچۇق - ئاشكارە ئىدى. لېكىن بىزنىڭ ئۇ قەلەمكەشلىرىمىز بۇ ھەقىقەتنى «كۆرمىدى» ياكى كۆرگىلى ئۇنىمىدى. بىراق ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن تۈركىيەمىز بۇ خالتىغا چۈشۈشتىن ساقلىنىپ قالدى. 5) كۇتاھيادا 20 يىللىق كاپالەت بېرىپ خىتاي شىركەتلىرى ياساپ بەرگەن توك ئېلېكتىر ئىستانسىسى 5 يىلدا بۇزۇلۇپ قالدى. بىراق خىتاي تەرەپ 20 يىللىق كاپالەت ۋەدىسىدە تۇرمىغان بولغاچقا سوتقا ئەرز سۇنۇلدى[17]. 6) شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن شېرىك قۇرۇلغان «Mermer Chery» ماركىلىق ئاپتوموبىل زاۋۇتىمۇ خىتاي تەرىپدىن بېرىلگەن رېمۇنت مۇلازىمەت ۋەدىسى يالغانغا چىققاندىن كېيىن سوتقا ئەرز قىلىندى[18] ۋە ھازىر تۈركىيەدە «Chery» ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىشى توختىتىلدى. قىسقىسى، تەتقىقات قىلماقچى بولغانلار ئەدلىيەگە بېرىپ ئاۋارە بولۇشنى ئېغىر كۆرمىسە، خىتاي شىركەتلىرى ئالدىغان ياكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنغان ئونلىغان تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ دېلو ئارخىپلىرىنى ئاسانلا كۆرەلەيدۇ. بىراق ئەپسۇس، كۈندىلىك قىززىق تېمىلارغا قارىتا قەلىمىنى ئۇچلاشتىن باشقا ھۈنىرى بولمىغان «خوش غوجام»چى، تارتىنچاق يازغۇچىلىرىمىز نېمە ئۈچۈنكىن تاڭ، خىتاينى باشقا نۇقتىدىن ئانالىز قىلىشقىمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. خىتاي شىركەتلىرى باج ئوغرىلاشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە خىتايدا مەن بۇرۇن 3 يىل خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىمنى ۋە يېقىندىن بۇيان سودا – سانائەتچى دوستلىرىمدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا شۇنى بىلدۈرمەكچىمەنكى، خىتاينىڭ ھەم دۆلەت ھەم شەخسىي، بارلىق شىركەتلىرى تاشقى سودىدا، ئەگەر ئېمپورت قىلغۇچى شىركەت تەلەپ قىلسا، ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مالنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى ئەسلىدىكى قىممىتىدىن %50 ياكى %70 تۆۋەن كۆرسىتىدىغان يالغان توختام ۋە يالغان تالون بىلەن ئىش بېجىرىپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئېمپورت قىلغۇچى شىركەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تاموژنىسىغا %50 ياكى %70 ئاز باج تۆلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئاز تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. خىتايدا ئومۇمەن دېگۈدەك تاشقى سودىدا قارشى تەرەپ بىلەن بولغان پۇل- مۇئامىلىدە، ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان مالنىڭ %30 ياكى %50 لىك قىسمىغا «Letter of Credit» يەنى بانكا كاپالىتى بىلەن پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئىشلىتىلىدۇ. مالنىڭ قالغان قىسمىغا بولسا نەخ پۇل شەكلىدە مالنى يولغا سېلىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن، قولدىن ئايلارغا بۆلۈپ ۋەياكى ھەممىنى بىراق تاپشۇرۇش ئىنتايىن ياقتۇرىلىدۇ. خىتاي شىركەتلىرى تاموژنىغا يوللاش ئۈچۈن تالون بىلەن كېلىشىمنى ئومۇمىي مالغا بانكا كاپالىتى ئارقىلىق تۆلەنگەن پۇل قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىكنى يېزىپ بېرىدۇ. قولدىن نەق تاپشۇرۇلغان قىسمى كېلىشىم ۋە تالونغا يېزىلمايدۇ. خىتاي شىركەتلىرى مالنىڭ ئومۇمىي پۇلىنى تولۇق ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېمپورت قىلغۇچى شىركەت بىلەن ئىككى خىل كېلىشىم تۈزىدۇ. بىرىسىدە مالنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ ۋە تالونمۇ تولۇق كېسلىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدا مەخپىي قالىدۇ. مالنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تۆۋەن كۆرسىتىلگەن كېلىشىم ۋە تالون بانكا ۋە تاموژنىغا يوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاي نەق تۆلەش ئۈچۈن خىتايغا يوللىنىدىغان پۇللارنىڭ %99 نىڭ دېگۈدەك باشقا دۆلەتلەردىن تېزىمغا ئېلىنمىغان بىر شەكىلدە قانۇنسىز خىتايغا ئېقىشىغا يول ئاچىدۇ. يەنە كېلىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى چەت ئەللەرگە نەق چەت ئەل پىرۇۋىتى يۆتكەشكە قويۇلغان بەلگىلىك مىقدار چەكلىمىسىگە پۇتلاشماستىن، خىتايغا ئاسان ئېقىپ چىقالىشى ئۈچۈن خۇددى ئىستانبۇل تاختەقەلئە بازىرىدا بولغانغا ئوخشاش، خىتايدىن مال ئېمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسدە دېگۈدەك خىتايغا قانۇنسىز پۇل يۆتكەيدىغان ياكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىىسدىكى شىركەتلەر ئارىىسىدا نەق پۇل ئالمىشىشىغا ۋاستىچىلىق قىلىپ بېرىدىغان يەرلىك ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاكتىپ ئىش قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ھەتتا بەزى دۆلەتلەر بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مالنىڭ تالونى ۋە كېلىشىمىگە قاراپ ئەمەس، ئىشلىتىلگەن خام ماتىرىيالى بويىچە توننا بېشىغا مۇئەييەن باھا بېكىتكەن ۋە شۇ باھا ئاساسىدا تاموژنا بېجى ئېلىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنىڭدىنمۇ باج ئوغىرلاش يوچۇقى تېپىپ باشقا دۆلەت شىركەتلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرمەكتە. ئېكسپورت قىلىنغان مالنىڭ خام ماددا تۈرىنى يالغان يېزىش، ئۈستىگە باشقا، ئاستىغا باشقا تۈرلۈك مال قاچىلاپ بېرىش... دېگەندەك نەيراڭۋازلىقلىرى بىلەن باشقا دۆلەت شىركەتلىرىنى قانۇنسىزلىق قىلىشقا ئۈندىمەكتە. خىتايدا تولىمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان ۋە 1984 – يىلىدىن بۇيان بارلىق خىتاي شىركەتلىرىدە ئومۇملاشقان بۇ ئۇسۇل (نەيرەڭۋازلىق) باشقا دۆلەت شىركەتلىرىگە باجدىن قانۇنسىز پايدا ئۈندۈرۈپ بەرگەنگە ئوخشاش، ھەر قايسى دۆلەتلەردىنمۇ خىتايغا قانۇنسىز قارا پۇللارنىڭ ئېقىشىغا داغدام يول ئېچىپ بەرمەكتە. خىتايدا بۇ قانۇنسىز كىرگەن پۇللارنىڭ ئاقلىنىشى ئىنتايىن ئاددى. خىتاينىڭ ئېكسپورت شىركەتلىرى ئەسلىدىكى مالنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تولۇق يېزىلغان كېلىشىم ۋە تالوننى ئىشلىتىپ، نەق پۇلنى بانكىغا ياتقۇزالايدۇ ۋە خىتاينىڭ ئۆز شىركەتلىرىنى ئېكسپورتقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بەلىگلەپ بەرگەن %14 لىك باج قايتۇرۇش مۇكاپاتىغىمۇ 10 – 15 كۈن ئىچىدە ئىگە بولالايدۇ. خىتاينىڭ تاشقى پىرىۋۇت زاپىسىنىڭ شۇنچە ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ھەمدە خىتاي دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «بىزنىڭ تاشقى سودا چۈشەنچىمىز، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان» دېگەن سۆزلىرىنىڭ سىرى دەل مانا مۇشۇنداق خەلقئارا سودا قانۇنىنى ئاياق ئاستى قىلىش ۋە باشقا دۆلەت شىركەتلىرىنى باج ئوغرىلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش قىلمىشىغا يوشۇرۇنغان. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ تاشقى سودىدا بىر تاش بىلەن 10 قۇش سوقۇش نەيرەڭۋازلىقىنىڭ ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىچكى- تاشقى سىياسەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى. مەسىلەن؛ خىتايدا سودا قىلغان چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېلىشىملىرىنىڭ بىر نۇسقىسى (باج ئوغىرىلاش جىنايەت دەلىلى) خىتاي تەرەپنىڭ قولىدا بولىدۇ. چەت ئەل شىركەتلىرى مەلۇم مەزگىل خىتاي بىلەن سودا قىلىپ، تەرمققىي قىلغاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىك ئوگانلىرىغا ئوخشاش ھەرقايسى سەزگۈر ساھەلىرىدە مەلۇم تەسىرى بولىدىغان سەۋىيەسىگە كەلگەنلىرىدە، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى سودا كېلىشىملىرىنىڭ خىتاينىڭ قولىدا بىر كوزۇرغا ئايلىنىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى. شۇڭا سىياسىي زاتلىرىمىز ئارىسىدىكى سودىگەرلىرىمىزنىڭ ياكى سودىگەرلىك ئېڭىغا ئىگە سىياسەتچىلىرىمىزنىڭ خىتايدىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچەلمەي قېلىشىنى پەقەتلا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە باغلاپ قاراش ئىنتايىن ساددىلىق بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ھەم دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن، ھەم چەتكە قېچىپ كېتىۋاتقان تىزىمگە ئېلىنمىغان قۇنۇنسىز نەق پۇللارنى توسۇپ قىلىش جەھەتتىن، مالىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ تاشقى سودىنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا ۋە ئىستىخبارات تەشكلاتلىرىمىزغا ئېغىر ۋەزىپىلەر يۈكلىنىشى كېرەكلىكى ئېنىق. تاشقى سودىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىدىنمۇ، خىتاي بىلەن بولغان سودا بىزگە ئەڭ كۆپ قىزىل رەقەم يارىتىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2017 – يىلىنىڭ رەسمىي ئىستاتېكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئاران 2 مىليارد 936 مىليون دوللار، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بولسا، 26 مىليارد 307 مىليون دوللار بولغان. يەنە كېلىپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ قانۇنسىز سودا ئۇسۇلىنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ رەسمىي يوسۇندا بىلدۈرۈلگەندەك 30 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئەمەس، ئاز دېگەندىمۇ 60 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ھەر ئاي خىتايغا ئېقىپ كېتىۋاتقان ئونلىغان مىليارد دوللار قانۇنسىز پۇلنى توسۇپ قىلىشنىڭ ئورنىغا 4- 5 مىليارد دوللار قەرز ئېلىشنىڭ كويىدا بولۇپ يۈرۈش ھەرگىزمۇ ئەقىلگە يارىشىدىغان ئىش ئەمەس. ئىلگىرى ئىران، ئىراق ۋە سۈرىيە ئارقىلىق، ھازىر بولسا، ئىران ۋە ئىراق ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىنىۋااتقان ئەتكەس خىتاي ماللىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى ھېسابقا قوشمىدىم تېخى. ئەگەر دۆلىتىمىزنى ھەر يىلى خىتاينىڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 – 60 مىليارد دوللارلىق قاپقانغا چۈشۈرىشىدىن ساقلاپ قالالىساق، بۇنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىمىزنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. شۇنىسىمۇ بىر ھەقىقەتكى، خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار ھەممىدىن بەك تۈركىيەمىزنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت سودا ئىمكانىيەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. كىچىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك زاۋۇت - كارخانىلىرىمىزنى ناھەق رىقابەتكە سۆرەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ۋەيران قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان كارخانىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قىلىشىغا شۇ ۋەجىدىن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئەڭ مۇھىمى ئېكىسپورت سودىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سودىدىكى قىزىل رەقەملىرىمىزنىڭمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىگە يول ئاچماقتا. ئونلىغان يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز بۇ تەڭپۇڭسىز سودىغا بولغان نارازىلىقىنى خىتاي تەرەپكە ئېيتقانلىرىدا بولسا، خىتاي يەنە ئۇيات قىلماستىن، «تاتلىق سۆز» (قۇرۇق ۋەدە) لىرىنى ئىشقا سېلىپ، «ئېمپورت ئارقىلىق تەڭشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بىراق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرالايمىز» دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ئالداپ كەلمەكتە. خىتاي سېلىنمىلىرىنىڭمۇ قايسى سەزگۈر ساھەلىرىمىزگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى؟ خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قولىدىكى «ZTE» ۋە «HUAWEİ» (بۇ شىركەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار چوڭ ئارخىپلىرى ئايرىم مۇنازىرە تەلەپ قىلىدۇ) قاتارلىق قايسى شىركەتلىرى تەرىپىدىن مەبلەغ سېنىلىۋاتقانلىقى؟ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىمىز ۋە كەلگۈسىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە قانداق تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقى جىددىي مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەكلىك ئايرىم بىر تېما. چۈنكى ئامېرىكا فىدېراتىسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى « FBI » نىڭ باشلىقى چىرىستوپېر ۋىراينىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئامرىكا پالاتاسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «خىتاي نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تور مۇداخىلىسى(دەخلىسى)، چەتئەل سېلىنمىلىرى، شىركەت سېتىۋىلىش، تەمىنلەش لىنىيەلىرىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان غەيرى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللارنى قوللانماقتا» دېگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئامېرىكىدا تەخمىنەن 25 مىڭ خىتاي جاسۇسىنىڭ ھەر خىل ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە،[19] پەقەتلا كوممۇنىزمغا بولغان ئۆچمەنلىك نۇقتىسىدىن باھا بېرىش ئىنتايىن چوڭ خاتالىق بولىدۇ. يەنە بىردوكلاتتا بولسا، خىتاي دۆلەت مېنىستىرلىقىغا قاراشلىق جاسۇسلۇق ئىدارىسىنىڭ چەت ئەللەردە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 40 مىڭ ئاكتىپ جاسۇسى بارلىقى ۋە باشقىلارنىڭ پىكىر ئىگىلىك ھوقۇقىغا چاڭ سېلىش، شۇنداقلا سودا سىرلىرىنى ۋە تىخنېكىلىرىنى ئوغرىلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۇنياغا ھەر يىلى 180 مىليارد دوللاردىن 540 مىليارد دوللارغىچە ئىقتىسادىي زىيان سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان [20]. مانا بۇلارغا قاتتىق دىققەت قىلمىساق ۋە يەنە كېلىپ خىتاينىڭ پۈتۈن نەيراڭۋازلىقلىرىنى «تاتلىق سۆز، (قۇرۇق ۋەدە)، يۇمشاق يېپەك (پارا)، گۈزەل قىز، (زىنا)» [21] قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق ئامىلغا يېغىنچاقلىغان ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى تاشقا ئويۇپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ نەسىھەتلىرىگە سەل قارايدىغان بولساق، 3 – دۇنيا پىلانىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتىدىن ئېكسپالاتاتسىيە قىلىش لايىھەسىدە، تۈركىيەمىزنىڭ كوچىدىلا بوغۇزلانغان قۇربانلىققا ئايلىنىپ قىلىشىغا ئۆزىمىزنىڭ پەرۋاسىزلىقىمىز يول ئاچقان بولىدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلەردە زىيان تارتقان تەرەپ بىز بولماقتىمىز. چىقارغان ۋە ئىچكەن سۇدىن بەكرەك تەر تۆكمەكتىمىز. بىراق قولغا كەلتۈرگەنلىرىمىز پەقەتلا كۆكتە مۇئەللەق ئۈمۈت ۋە خىتايلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىدىنلا ئىبارەت بولماقتا. مانا بۇلارنىڭ ھەممىگە «ياق!» دېيەلىشىمىزنىڭ يولى كۈچلۈك ئىقتىسادقا ئىگە بولىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. كۈچلۈك ئىقتىسادقا ئىگە بولىشىمىز بولسا، ئېمپورتنىڭ ئازايتىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئېكسپورت سودىمىزنىڭ ئېشىشىغا باغلىق بولىدۇ. بۇنىڭ يولىمۇ تەييار مەھسۇلات ئېمپورت قىلىشقا ئەمەس، سۈپەتلىك ۋە ئەرزان باھالىق خام ماددا ئېمپورت قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. خىتاي - تۈركىيە يېقىن مۇناسۋەتلىرىدە بېكارغا كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمىز 1) يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلەرنىڭ 3 – دۇنيا پىلانى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتىدىن رەتكە سېلىش رىقابىتى دائىرىسىدە تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قايتىدىن باھا بېرىش باسقۇچىغا كىرگەن ۋەزىيەتتىمىز. بۇ باسقۇچتا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان پەرقلىق تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ بارلىقىمۇ سىستېمىلىق مەسلىلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالماقتا. مەسىلەن؛ خىتاي قىبرىستەك مۇھىم مەسىلىمىزدىن تارتىپ، قىرىم، كوسوۋا، بوسنىيە– گىرېتسىگوۋېنا ۋە داغلىق قاراباغ قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيەگە قارشى سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. 2) شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جەھەتتىنمۇ ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ بېجىڭ دائىرىلىرى بىلەن قۇرغۇچى تۈپ قىممەت قاراشلار ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشلىرى نۇقتىسىدىن ئورتاق بىر ئاساس تېپىپ چىقالىشى ئاساسەن دېگۈدەك مۇمكىن ئەمەس. 3) دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش جەھەتتىمۇ خىتاينىڭ ھازىرغىچە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسي قۇيرۇقچىلىرىنى بارغانچە كۈچەيتىپ بېرىشى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتىمىزدىمۇ ئەسكەرلىرىمىزنى «ئىشغالىيەتچى» ۋە ي پ گ تېررورچىلىرىنى بولسا «خەلق قەھرىمانلىرى» قىلىپ كۆرسىتىدىغان تېلۋېزىيە ۋە تور تەشۋىقاتلىرىدا بولغانلىقى، بىزنىڭ ئاللىبۇرۇنلا مەردانە ھالدا «ياق!» دېيەلىشىمىزنى تەقەززا قىلغان مۇھىم مەسىلىلەردۇر. بىراق ئەپسۇسكى، دەل ئەكسىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا چاپلىغان «تېرورلۇق» بۆھتانلىرىغا ھېچقانداق بەدەلسىز ھالدا «ماقۇل» دېيىش خاراكتېرلىق باياناتلارنى بېرىشىمىز، خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرمەكتە. بۇ «خوش غوجام» چىلىقىمىزنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە، بىر تەرەپتىن خىتاي تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قېيىنلاشتۇرۈپ، ھەتتا سودا ئىشلىرى ۋىزىسى ئۈچۈنمۇ رەسمىي ئورگانلاردىن تەكلىپنامە ئېلىپ كېلىش شەرتى قوشۇۋېلىش بىلەنلا قالماستىن، خۇسۇسىي ساياھەت ۋىزىسىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن بولسا[22]، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇلارنى قەتلىئام قىلىشقا قانۇنلۇق ئاساس يارىتىشتا ئۇتۇق قازانغانلىقىنىڭ مەستلىكىگە غەرپ بولۇپ، بارغانچە كۆرەڭلىمەكتە. 4) خىتاي تۈركىيەنىڭ 6 يېرىدە كوڭزى ئېنستېتۇتى ئاچتى. بۇنىڭ بەدىلىگە خىتايدا بىر يەردە بولسىمۇ يۇنۇس ئەمرە ئېنستېتۇتى ئېچىشىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان ياسالما بىيۇكراتىك توسالغۇلار ئارقىلىق ئايىغى چىقماس كوچىلارغا سۆرەلمەكتە ۋە تاتلىق سۆز (قۇرۇق ۋەدە) لەر ئارقىلىق تەما ئالۋۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلماقتا. تۈركىيە – خىتاي يېقىنلىشىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسەتكەن تەسىرى بۇ يەردە شۇ سوئالنى سورىماي ئۆتۈشكە بولمايدۇ؛ ئونلىغان يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان مۇنسىۋەتلىرىمىزنى ياخشى نىيەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز. بولۇپمۇ 2009 – يىلىدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. قېنى، ئۇنداقتا ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن بولغان مۇناىسۋەتلىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دىيالوگىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنىڭ يېنىكلىشىگە زەررىچە ھەسسە قوشالىدىمۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئاسېملاتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، دىنىي ۋە ئانا تىل مائارىپى شۇنداقلا ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ ئىشقا ئىشىشىدا باشقا خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش ھەق – ھوقۇققا ئىگە بولىشىغا، جۈملىدىن، ھېچ بولمىغاندا خىتاينىڭ دۆلەت ئاساسى قانۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتالمىش ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق ۋە ئەركىنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئەقەللىي نىسبەتتە بولسىمۇ ئەمەلىيلىشىگە قىلچىلىك پايدىسى بولىدىمۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارلاغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە زەررىچە ئىجابىي ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈرەلىدىمۇ؟ ياق، بۇ جەھەتتە ھېچ بىر ئىلگىرىلەش، قانۇننىڭ بىر ماددىسى بولسىمۇ قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىلىق شەكىلدە ئۆزگەرگىنى كۆرۈلۈپ باققىنى يوق. دەل ئەكسىچە، بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن خىتايغا يېقىنلىشىشىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ۋە 70 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان تۈركلەرگە قارشى ئشىلىتىپ كېلىۋاتقان «يېقىندىكى دۈشمەننى يوقۇتۇش ئۈچۈن يېراقتىكى تۇغقانلىرىنى يېنىغا تارتىش»[23] توزىقىغا تۈركىيەنى دەسسەتكەن بولدى. دەرھەقىقەت، ئىلگىرى بىز ئوتتۇرىغا قويغان «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە- خىتاي ئورتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى» بولۇشى سىياسىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى خىتايغا ھېس قىلدۇرالمىدۇق. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىمۇ زۆرۈر بولغاندا خىتايغا "ياق!" دېيەلمىگەنلىكىمىزدىن مەيدانغا كەلمەكتە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى دوستلۇق كۆۋرۈكى قاتارىدا كۆرۈش سىياسىتىمىزنىڭ دەل خىتاي ئارزۇ قىلغاندەك ئىشكاپتا قۇلۇپلىنىپ قېلىشى ۋە «بۇ كۆۋرۈكنى ئوتتۇرىدىن ئېلىپ تاشلىۋەتمەي تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالمايمىز» دەيدىغان تەۋسىيەلەرنىڭ ئېغىر بېسىپ كېتىشى مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. شۇڭلاشقا ئەمدىكى چاغدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار 2010 – ۋە 2013 – يىللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دەۋرلەرنىمۇ شام يېقىپ ئىزدەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. 2023 – يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن تولۇق ئايرىپ تاشلاپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2 مىليون ۋە غەيرى رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 5 مىليون قېرىنداشىمىزنىڭ ئاتالمىش تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرى ۋە تەربىيەلەش لاگىرى ناملىق يۈزلىگەن لاگېلارغا ناھەق سولىنىشى ئارقىلىق تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرى، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، تونلىغان ھۆججەت، پاكىت ۋە مىڭلىغان شاھىتلار مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى رەسمىي نارازىلىقلارمۇ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، بۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتايغا «ياق!» دېيەلىگەنلىك دۆلىتىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلىك مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدايدۇ. مۆلچەرلەنگىنىدەك تاشقى مۇناسىۋەتلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، بۇ ئىنسانىيەتكە خىلاپ لاگېلارغا قارشى قازاقىستان 2017 – يىلى 15 – فېۋرالدا خىتايغا رەسمىي دېپلوماتىك نوتا تاپشۇردى[24]. قانچىلىغان ئاي داۋاملاشقان ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى 2000 قازاق تۈركى قېرىندىشىمىزنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە قازاقىستانغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى جەھەتتە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى[25]. بۇ بارلىق تىرىشچانلىقلار ۋە خىتاينى «خوش غوجام!» دېگۈزۈشلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناىسۋەتلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمىدى. بەلكى تېخىمۇ بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلدى. قىسقىسى، 21 – ئەسىرگە ھازىرلىنىۋاتقان تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىگە، كۈچتۈڭگۈرلەر ئىلگىرى سۈرۈپ تاڭماقچى بولۇۋاتقانغا ئوخشاش ئۇنچە ئاجىز دۆلەت ئەمەسلىكىگە، تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تۈركىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكىگە ئالدى بىلەن ئۆزى ئىشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى لازىم. تۈنۈگۈننىڭ يول خەرىتىسى بىلەن ئەتىنىڭ يول خەرىتىسىنى يانمۇ – يان قويۇپ، (گەرچە سىزىقلىرى تېيىلغاق بولغان تەقدىردىمۇ) قايتىدىن ھېسابلاپ چىقىشى، نېمىنىڭ قەيەردە، قانداق خاتا كېتىپ قالغانلىقىنى تەرەپسىز بىر شەكىلدە تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، تۈركىيە ئۆزلۈكىنى تېپىشى، ئورنىدىن دەس تۇرىشى لازىم. ئورنىدىن تۇرغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ غەربنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويىدىغان دەرىجىدە ئاددى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بەلكى تومۇرلىرىدىكى سىتاتىك (مۇقىم) كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ۋە مۇشتۇمىنى ئۈستەلگە تېخىمۇ قاتتىق ئۇرالىشىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. دەل شۇ چاغدىلا خىتاي ئۈچۈن ئىلگىرى دۆۋىلىۋەتكەن «خوش غوجام»چىلىقلىرىدىن يۈرىكى پۇچىلىنىدۇ. بېشىنى تىك تۇتقىنىدا «ياق!» دېيىشنىڭ ئۇنچە قېيىن ئەمەسلىكىنى كۆرىدۇ. پىكىر ئۇپۇقى كېڭىيىپ بۈيۈك تۈركىستاننى كۆرەلەيدىغان، ۋۇجۇدىدا بېكىنىپ كەتكەن ھاياجانلارنى سىرتقا چىقىرالايدىغان ۋە ئۆزىدىكى ھېتىرقاشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ ئۆز - ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تىكلىيەلەيدىغان بولىدۇ[26]. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇملارغا نىسبەتەن پۈتۈن ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆزى تۈركىيەگە تىكىلگەن، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دەرتلىك قەلبلىرىگە ئۈمۈد شامى ياققان ۋە ئەرىشنى تىترەتكۈچى دۇئالىرىنىڭ مەزھىرىگە ئايلانغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تىكىلگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئاتا - ئانىلىرى خىتايلارنىڭ يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئىگە – چاقىسىز قالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پەرياتلىرى «ئەردوغان ئاتىسى»نى چاقىرماقتا. ئۈممەتنىڭ رەئىسىنى ئىزدىمەكتە. ئۇ شۇنداق بىر رەئىسكى، 1995 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا سۇلتان ئەھمەد جامىسى يېنىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈيۈك مۇجاھىدى ئىسا يۈسۈف ئالپتىكىن ۋە مەيداننى تولدۇرغان مىڭلارچە كىشىلەر بىلەن بىرگە «ئىسا يۈسۈف ئالپتىكىن باغچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى ئابىدىسى» نىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا كەسكەن بىر رەئىس... ئۇ شۇنداق بىر رەئىسكى، 1996 – يىلى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۆرمەس بولۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە ياشلىق كۆزىنى تېكىپ تۇرۇپ، «سىز 20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان مۇجاھىدلىرىدىن بىرسىسىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدىكى بۇ قۇتلۇق مۇجادىلە ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتىدىن، زۇلۇم ، قېيىن - قىستاق ۋە بېسىملىرىدىن چوقۇم قۇتۇلىدۇ، ئىنشائاللاھ. نۇرلۇق كۈنلەر بەك يېقىن» دېگەن سادالارنى ياڭراتقان بىر رەئىس.... ئۇ شۇنداق بىر رەئىسكى، شۇ يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا، فاتىھ جامەسىدە مەرھۇم ئالپ ئارسلان تۈركەش ۋە رەجائى قۇتان قاتارلىق نۇغۇنلىغان دۆلەت ۋە دەۋا ئەربابلىرى بىلەن بىرگە ئىسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ جىنازسىنىڭ ئالدىدا جىنازە نامىزى ئۈچۈن تەكبىرنى ئۆزى ئوقۇغان بىر رەئىس.... ئۇشۇنداق بىر رەئىسكى، شۇ كىچىسى مەرھۇم ئىسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئۆيىدە، «مەن بۇ كاتتا مۇجاھىدنىڭ مەنىۋىي ھوزۇرىدا سافادا ئولتۇرالمايمەن» دېگىنىچە داق يەردە چازا قۇرۇپ ئولتۇرغان، ياسىن شەرىپنى ئۆزى قىرائەت قىلغان ۋە غەمكىن قەلىبلەرنىڭمۇ تەختىدە چازا قۇرغان بىر رەئىس[27].... شۇنداق، مېنىڭمۇ قەلبىمنىڭ دەل تەختىدە ئولتۇرغان، ئىككى پەرزەنتىمنىڭ خىتايدىن قۇتۇلىشىغا ۋەسىلە بولغان ۋە 16 يىللىق ئەۋلاد ئازابىمنى ئاخىرىلاشتۇرغان ئۇ رەئىسنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ قېيىن - قىستاق لاگېرلىرىدا يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن جاراڭلىق بىر ئاۋاز بىلەن خىتايغا بىر «ياق!» دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! زۆرۈر بولغاندا خىتايغىمۇ «ياق!» دېيەلەيدىغان بىر تۈركىيەنى ئارزۇ قىلىمەن. مىر كامىل كاشغەرىي 2018 – يىلى 15 – دېكابىر) ئەنقەرە( [1] https://www.aksam.com.tr/…/enver-ibrahim-turki…/haber-798569 [2] http://www.hurriyet.com.tr/…/basbakan-cinde-olanlar-adeta-s… [3] ("پادىشاھنىڭ كېيىمى" ناملىق چۆچەككە قارالسۇن [4] Lucian W. Pye, “China: Erratic State, Frustrated Society”, Foreign Affairs, Vol. 69, No. 4, 1990:58/ Dr. Erkin Ekrem: “Çin – Türkiye ilişkileri” [5] John King Fairbank, East Asia: The Great Tradition, Boston: Houghton Mifflin Company, 1962:293; John K. Fairbank, China: A New History, Cambridge, MA: The Belknap Press of Havard University Press, / Dr. Erkin Ekrem: “Çin – Türkiye ilişkileri” [6] Gül: Çin‟de valiler bile CEO gibi”, Yenişafak Gazetesi, 25 Haziran 2009/ Dr. Erkin Ekrem: “Çin – Türkiye ilişkileri” [7] Madeleine K. Albright, Madame Secretary: A Memoir of Madeleine Albright, New York: Miramax Books, 2005:554. / Dr. Erkin Ekrem: “Çin – Türkiye ilişkileri” [8] Buhari-Edep [9] “İpekyolu Türkiye’den geçecek”, Akşam Gazetesi, 9 Ocak 2001./ [10] “Çinliler geliyor”, Hürriyet Gazetesi, 9 Ocak 2001. [11] Doğan Uluç, “1 milyarız bizi nasıl ağırlarsınız”, Hürriyet Gazetesi, 29 Eylül 2004. [12] Fatih Altaylı, “Biz sığdırırız, Çinli bakan merak etmesin!”, Hürriyet Gazetesi, 29 Eylül 2004. [13] “Çin’i „fındıkçı‟ yaptık”, Türkiye Gazetesi, 15 Ocak 2003; “Çin’de fındık toplantısı”, Star Gazetesi, 15 Ocak 2003 [14] “Bakan’dan Çinlilere mesaj”, Vatan Gazetesi, 7 Ocak 2010. [15] http://www.milliyet.com.tr/ghedira-cinliler-her-gun-bir-ka…/ [16] http://www.milliyet.com.tr/sanghay-isbirliginde-ilk-gorev-…/ [17] http://www.kutahyadorukgazetesi.com/haber/enerji.html [18] http://www.chery.com.tr/bayiveservis.php [19] https://www.aa.com.tr/…/cinin-dijital-istihbarat-sa…/1287647 [20] https://www.haberturk.com/dijital-soguk-savas-25-bin-cin-ca… [21] Orhon Bengü Taşları [22] “Vize Başvuru Evrakları ve Vize ile İlgili Genel Bilgiler”, Çin Halk Cumhuriyeti İstanbul Başkonsolosluğu, 31 Ekim 2013, http://istanbul.chineseconsulate.org/tur/lsfw/t1094680.htm [23] BKZ, Bilge Kağan Tonyukuk Kitabelerine [24] http://www.kazakistan.kz/kazakistandan-cine-nota/ [25] http://old.qha.com.ua/…/kazakistan-girisimde-bulun…/175512/… [26] Kamran İNAN; ‘Hayir diyebilen Türkiye’ 93. S [27] Servet Kabaklı: "Olmadı be Reis"
كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش