شىۋېتسىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 19.12.2018 01:02:09 يوللانغان تارىخ: 12.11.2018 05:34:41 0 18491

شىۋېتسىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

مۇخبىرلارنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسىمىنى خىتاي قۇيۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەن ئاتاش ئەمەس بەلكى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى

‏شىۋېتسىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى
شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2018- يىلى 11- نويابىر يەكشەنبە كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندا 1933- يىلى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 85- يىلى ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 74- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى شىۋېتسىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن (شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياردەم فوندى، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى) قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ تېنستا رايونىدىكى كۈتۈبخانىنىڭ پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتكە، ستوكھولمنىڭ يىراق يېقىن جايلىرىدا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئادۋوكاتلار بىرلىكى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بۇلۇپ 300 دەك كىشىلەر قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان مارشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياردەم فوندىنىڭ مەسئۇلى فارۇخ سادىق ئاكا سۆزگە چىقىپ مەزكۇر پائالىيەتكە كەلگەن مېھمانلارغا تەبرىك سۆزى قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت تۇغرىسىدا قىسقا مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ كۆكيار سۆزگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان دېگەن نېمە؟ ئۇ قايەردە؟ دېگەن تېمىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئاتالمىش تەبىيىلەش مەركىزىدىن ئىبارەت جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە نورغۇنلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ئۈنىۋېرستېتىدا ئىشلىگەن مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەت سالىھ داموللامنى شېھىت قىلغانلىقىنى، داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيىت، ياردەم سۆيەر نۇرتاي ھاجى قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرنىمۇ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئۆرنەك قىلدى.
ئابدۇللاھ كۆيار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ھازىرقى جەمئىيەتتە بەزى ئورۇنلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسىمىنى خىتاي قۇيۇپ بەرگەن (شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋەياكى ئۇيغۇرىستان) دېگەندەك ھەرخىل ئاتاپ كەلمەكتە. مۇخبىرلارنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسىمىنى خىتاي قۇيۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەن ئاتاش ئەمەس بەلكى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
كېيىن كىچىك پەرزەنتلەر سەھنىگە چىقىپ شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىپ بەردى.
تەخمىنەن 3 سائەت داۋاملاشقان پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا مېھمانلار پائالىيەت ئۈچۈن ھازىرلانغان يېمەكلىكتىن غىزالىنىپ قايتىشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش