ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85-يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ‏ | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئۇچۇرلار

يېڭىلانغان تارىخ: 26.10.2018 13:23:07 يوللانغان تارىخ: 26.10.2018 13:20:38 0 16196

ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85-يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ‏

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۇقۇپ، كومپارتىيەگە مەدھىيە ئېيتىشقا، ئەشۇ زوراۋان قانخور- جاللاتلارنىڭ دۆلەت بەلگىسى

ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85-يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ‏

مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى كۈچلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز ھاكىمىيىتىنى يەرلىك خەلقنىڭ ئىدىيسىگە مەجبۇرى سىڭدۈرۈپ قانۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنى مۇستەملىككە تەلتۆكۈس كۆندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئاتالمىش (جۇڭگوچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسياتى) نىڭ يۇرت ۋە بايراق سۆيگۈسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئۇلار زوراۋانلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن خىتاي كوممۇنىستىك دۆلەت بايرىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممە جايغا ئېسىپ ئۇمۇمىي خەلقنى ھەر كۈنى دىگۈدەك خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۇقۇپ، كومپارتىيەگە مەدھىيە ئېيتىشقا، ئەشۇ زوراۋان قانخور- جاللاتلارنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقىرىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشقا زورلىماقتا.
مەزكۇر بىمەنە مەجبۇرى مۇراسىملارغا قاتنىشىشنى ئىدىيسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، پاك ۋىجدانغا يۈرگۈزەلمەي ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى قەتئىي رەت قىلغان ياكى بىرە سەۋەب چىقىرىپ كېچىكىپ قاتناشمىقان، قىزىل كۆز مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلارنىڭ سېسىق قان پۇرايدىغان ئەشۇ قىزىل بايرىقنى ئۆيلىرىگە ئېسىشنى رەت قىلغان ئىمانلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى جازالاش ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ، ئۆزىگە ئەل قىلىش ۋە تىز پۇكتۇرۇش ئۈچۈن بىر يورۇش بىمەنە قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ماقۇللاپ، مۇستەملىككە تىز پۈكمەسلىك خاھىشى بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاتالمىش (خىتاي دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈش قانۇنى) غا خىلاپلىق قىلغان دەپ ئەيىپلاپ ئاز دېگەندە ئۇچ يىلدىن بەش يىلغىچە قاماق جازاسى بەرمەكتە.
خەلقىمىزنىڭ بېشىغا مەجبۇرلىنىش تۈسىنى ئالغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىۋاتقان بىر ھالقىلىق پەيتتە يېقىنقى تارىخىمىزدا، يەنى 1933-يىلى11-ئاينىڭ 12كۈنى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان شانلىق ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ تۇغۇم كۈنى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى، جۈملىدىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى يىتىپ كېلىۋاتقان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى شەرت- شارائىتىغا بېقىپ تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن تەبرىكلەشكە چاقىرىمىز.11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى بالكۇنلىرىغا ئېسىپ قەدىرلەپ ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىپ تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز! ئۆيلىرىدە ئۆلچەملىك بالكون بايرىقى يوق بولۇپ قېلىپ قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ۋەتەنداشلارنى ئۆلچەملىك كۆك بايراق بىلەن تەمىنلەيمىز.
11-ئاينىڭ 11-كۈنى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە، بارلىق ئەل جامائەتنى تېنىستا كىتاپخانىسىنىڭ يىغىن زالىغا تەكلىپ قىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قىزىل كۆز خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، ھەمدە گومىنداڭ ۋە شىڭسىسەي مۇستەبىتلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 85-يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزمۇنىدا لىكسىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىپ، ئەل جامەئەتنىڭ تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتىنى ئورغۇتۇپ، ئۇلارنى تەشكىلاتلارغا ئەگىشىپ، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمىز!
ئۇشبۇ «تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئىمكانى بار تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا سەل قاراپ قاتناشماسلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆزى مەجبۇرى ئۆلتۈرۈپ، كىملىكىنى ئۇنۇتۇپ تىرىك موردىغا ئايلىنىپ قالاي دېگەن مىللى روھسىز ۋەتەنداشلارنىڭ ئۆلگەن روھىغا ئالاھىدە ئاتاپ، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان تارىخىدا دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ ئازاتلىقىنى پاك ئىيمانى ۋە ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان بارلىق شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا تەكبىر قىلىمىز.
ھازىرغا قەدەر «تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش» پائالىيىتىگە قاتناشماي ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ يۈرگەن ۋەتەنداشلارنى ۋاقىت زايا قىلماي ۋە ھېچ ئىككىلەنمەي ۋتەن داۋاسى سېپىگە قاتنىشىپ بىر كىشلىك مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا تۈۋەنلىك بىلەن دەۋەت قىلىمىز. بۇ شانلىق پائالىيەتكە ھەممەيلەننى تەكلىپ قىلىمىز!

ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيتى شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش