ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 07.10.2018 23:21:53 يوللانغان تارىخ: 07.10.2018 11:00:37 0 4534

خەلقئارا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ يوقاپ كېتىشى دولقۇن ئەيسا مەسىلىسى بىلەن چېتىشلىقى بارمۇ؟

دولقۇن ئەيسانى قىزىل سىزىقتىن چىقىرىپ ئازات قىلىۋەتكىنىگە چىدىمىغان خىتاي، مىڭ خۇڭۋېينىڭ خىتايغا زىيارەتكە بارغانلىقىدىن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلەپ ئۆچىنى ئالغان بۇلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە

خەلقئارا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ يوقاپ كېتىشى دولقۇن ئەيسا مەسىلىسى بىلەن چېتىشلىقى بارمۇ؟

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى دولقۇن ئەيسانى ھەرخىل يالغانلار بىلەن بۆھتان چاپلاپ (ئىنتېرپول) خەلقئارا ساقچى دائىرلىرىنىڭ قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى خىزمەتلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە بارالماي كۆپ قېتىم قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئىدى. بەزى دۆلەتلەرگە بارغىنىدا ئايرىپورتتا تۇتۇپ قېلىنىپ نەچچە سائەتلەپ سوراق قىلىشتىن كېيىن گېرمانىيىگە قايتۇرۇۋەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولغان ئىدى.

كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنتېرپولنى ئادىل بولمىغانلىق، خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈككەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى ئىنتېرپولنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچى دۆلەت قاتارىدا ساناپ تەنقىدلەپ كەلگەن بولسىمۇ، دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرى تاكى 2018- يىلى 01- ئاپرىلغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، خەلقئارا ساقچى ئىدارىسى 2018- يىلى 1- ئاپرىل كۈنى دولقۇن ئەيسانى قىزىل سىزىقتىن چىقىرىپ ئازات قىلىۋېتىش قارارىنى ئالغان ۋە قارارنى شۇ ئاينىڭ 20- كۈنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارا ساقچى دائىرلىرىنىڭ قىزىل سىزىقىدىن چىقىپ ئارىدىن دەل 7 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن (ئىنتېرپول) خەلقئارا ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىتاي باشلىقى مىڭ خۇڭۋېي ئۆتكەن ھەپتە يەنى 29- سېنتەبىر شەنبە كۈنى خىتايغا زىيارەتكە كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىچە ئىز دېرىكى بولمىغان.

بەزى ئېلىپ قاچتى گەپلەرگە كۆرە، ئېنتىرپولنىڭ باشلىقى مىڭ خۇڭۋېي 29- سېنتەبىر شەنبە كۈنى فرانسىيىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا يېتىپ بارغىنىدا، ئۇنى خىتاي ساقچىلىرى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ تۇتۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا مىشماش پاراڭلار تارقالماقتا. ئەگە بۇ كوچا پاراڭلىرى ھەقىقەتەن توغرا بولسا خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئىنتېرپۇلنىڭ باشلىقىنى تۇتقۇن قىلىشقا قەدەر ياۋۇزلاشقانلىقىنى، ئۇلارنى نە ئىنسانىيەتچىلىكتىن نە خەلقئارا قانۇن تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر مىڭ خۇڭۋېينىڭ غايىب بۇلۇپ كېتىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى قىزىل سىزىقتىن چىقىرىپ ئازات قىلىۋەتكىنىگە چىدىمىغان خىتاي، مىڭ خۇڭۋېينىڭ خىتايغا زىيارەتكە بارغانلىقىدىن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلەپ ئۆچىنى ئالغان بۇلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىغا شى جىنپىڭ چىققاندىن كېيىن پارىخورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۆزىگە پىكىرداش بولمىغان نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ تەكشۈرۈپ خىزمىتىدىن ئايرىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئېنتىرپولنىڭ باشلىقىنىڭ خىتايغا زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا غايىب بۇلۇپ كېتىشى بىر سىر ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دولقۇن ئەيسانىڭ يالغان بۆھتانلىرى بىلەن ئېنتىرپولنىڭ قىزىل سىزىقىدا تۇرغان دولقۇن ئەيسانى ئېنتىرپولنىڭ قىزىل سىزىقتىن چىقىرىپ ئازات قىلىۋەتكەنلىكىگە چىدىمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى، خەلقئارا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ مىللىتى خىتاي بۇلىشىغا قارىماي ئۇنىڭ بېيجىڭغا بارغىنىدا غايىب بۇلىشى، مىڭ خۇڭۋېينىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بىر پىكىرداش بولماسلىقى سەۋەبىلىك شى جىنپىڭ تەرىپىدىن غايىب قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، شى مىڭ گۇڭۋېينى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق دولقۇن ئەيسا يوقالمىغاندىن كېيىن سەن يوقال دېگەندەك خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىمۇ ئۇجۇقتۇرۇپ يوقىتىشنى پىلانلىغان بۇلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى