ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.10.2018 10:38:58 يوللانغان تارىخ: 07.10.2018 10:38:58 0 2398

شىۋېتسىيەدە ئىمام خاتىپلار يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن (تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى) گە ۋاكالىتەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى

شىۋېتسىيەدە ئىمام خاتىپلار يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

‏شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكى (رابىتىل ئىسلام)، شىۋېتسىيە ئىمام خاتىپلار مۇنبىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە ئىمام خاتىپلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا ئويغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
‏شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ھەر يىلى كۈز مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىللىق يىغىنى، 2018- يىلى 6-7- ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا شىۋېتسىيەدە پائالىيەتتە بۇلۇۋاتقان ھەرقايسى ئىسلام تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى ۋە مەسچىت ئىماملىرى قاتناشقان بولۇپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن (تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى) گە ۋاكالىتەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋەكىلى ئۆمەر مەخسۇم باشچىلىقىدا ئىككى كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى.
مەزكۇر يىغىن 2018- يىلى 06- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، ستوكھولمدىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كاترېنخولمدىكى پائالىيەت ئورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئالدى بىلەن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن يىغىندا لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ئارقا- ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مۇھىم تېمىلاردا لېكسىيە بەردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى